ئىلھام توختى: بىز ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى ئەمەس
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.04
2010.01.04
www.washingtonpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
لىكسىيە ھەر جۈمە كۈنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، لىكسىيىگە بېيجىڭ ۋە شۇ ئەتىراپتكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلماقتا.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشچە، ئىلھام توختى لىكسىيىىسىدە مىللىي كىملىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە. ماقالىدا نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، ئىلھام توختى بىر قېتىملىق لىكسىيىسىنى مۇنداق باشلىغان: "بىز ئەجدەرھانىڭ ئەۋلادى ئەمەس، بىزنىڭ تارىخىمىزنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بەرپا قىلغان ئەمەس. يەنى بىزنىڭ تارىخىمىز 60 يىللىق تارىخ ئەمەس، كۆپ ئۇزاقلارغا سوزۇلغان قەدىمىي بىر تارىخ."
ماقالىدا، ئىلھام توختىنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. بۇ نۇقتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىن نارازى ئىكەنلىكى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ماناپۇل قىلىۋالغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىتىلىشقا ئۇرۇنۇلۇۋاتقانلىقى، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىققانلىقى پاكىتلار بىلەن بايان قىلىنغان. بۇنىڭ ئارقىدىن ئىلھام توختىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنى كۈشكۈرتكۈچى دەپ قارىلىپ، بېيجىڭدىكى بىر مېھمانخانىدا 3 ھەپتە قاماپ قويۇلغانلىقى ۋە سوراققا تارتىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 3 ھەپتىلىك نەزەربەنتتىن چىقىپ دەرسخانىغا كىرگەن كۈنى ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپتا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە قىزغىن چاۋاك بىلەن ئالقىشلىغان.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىلھام توختى لىكسىيىسىدە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا چەتئەلدىن ئۈمىد كۈتۈشتىن بەكرەك، مەۋجۇت قانۇنلار ئارقىلىق مىللىي مەنپەئەتنى مۇداپىئە قىلىشقا چاقىرغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلھام توختى بىر قېتىملىق لىكسىيىسى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىغا قاينايدىغان ئايروپىلانلاردا ئىنگىلىز تىلىنىڭ، پويىزلاردا خىتاي تىلىنىڭ مۇلازىمەت تىلى بولۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتىكى تەڭسىزلىكلەرنىڭ ئاددىي بىر مىسالى سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ماقالىدا، ئىلھام توختى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئادەتتە خىتاي جەمئىيىتىدە ھېچكىم سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان مەسىلىلەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ماقالا ئاپتورى، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر تۈركۈم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئىگىلىگەن. ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى Rian Thum، ئىلھام توختىنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىگە ۋە جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن تەڭ، ئۇنىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە، نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋە ماقالە يازغاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق قانۇن پرىنسىپلىرىدىن چەتنىمەيۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
خىتاي زىيالىيسى ۋاڭ لىشيۇڭ، "ئەگەر ھۆكۈمەت، ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر كىشىنى دۈشمەن دەپ قارىسا، ئۇ چاغدا، ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس،" دېگەن.
ئاپتور يەنە، لىكسىيىگە قاتناشقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئوقۇغۇچى، "ئىلھام توختى بىزنىڭ ۋەكىلىمىز. ئۇ دەۋاتقان سۆزلەر باشقىلىرىمىز دېيەلمەيۋاتقان سۆزلەر،" دېگەن.
ئاپتور ئۆز كۆزىتىشىگە ئاساسەن، ئىلھام توختىنىڭ لىكسىيە داۋامىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئوخشاش مەيداندا گەپ قىلمايۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىش ھەققىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ھېچ ئېغىز ئاچمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
نۆۋەتتە بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىلھام توختىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۆتىدىل يولنى يەنى ئوتتۇرا يولنى تاللىغان كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس دەپ قارىماقتا.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ، ئىلھام توختىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەن: "ساقچىلار پېيىمغا چۈشكىلى ئۇزۇن بولدى. ئەمما، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، مېڭىۋاتقان يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن."
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، بۇ پروگراممىمىزدا، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، قانۇنىي ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىنى تونۇشتۇردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.