ياپونىيىدە «شەرقىي ئاسىيا ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى

10-دېكابىر كۈنى ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ب د ت دا قوبۇل قىلىنغانلىقىغا 63 يىل توشقان خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودا «شەرقىي ئاسىيا ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011.12.14
turmemet-yaponiye-insan-heqliri-yighinida-305.jpg تۇرمەمەت ھاشىم (ئوڭدىن 3-كىشى) «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2011-يىلى 10-دېكابىر، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ يىغىندا ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. بۇ قېتىمقى ئىنسان ھەقلىرى مۇھاكىمە يىغىنىغا ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق دېموكرات خىتاي پائالىيەتچىلەردىن دېموكراتىك خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم ياپونىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى لىن فېي ئەپەندى، باش كاتىپى ۋاڭ دەي ئەپەندى، يوكوخاما تويىن ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋە داڭلىق تىبەتلىك ئالىم پەما گيارپو ئەپەندى، ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى ۋەكىلى كەرەيت خۇبىسگالت ئەپەندى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى دائىسۇكە كىتايىئى، خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىشقا ياردەم بېرىش مەركىزى ياپونىيە شۆبىسىنىڭ باشلىقى كۇنىيۇ ساتو ئەپەندىلەرمۇ مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا دوكلات بەردى.

بۇ يىغىنغا نۆۋەتتە ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان تىبەت ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولكار لىھامو كىرتى خانىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىپ تىبەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي دېموكراتچىلىرى، ياپونىيىلىك ھەرقايسى ساھە كىشىلىرى، ۋە ئاخبارات خادىملىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى دوكلاتىدا 2009- يىلى 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيانقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، نۇقتىلىق ھالدا دىيارىم تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دىلشات پەرھات، سەلكىن تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نۇرئەلى ئوبۇل، شەبنەم تور بېتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى نىجات ئازاد، قانلىق قىرغىنچىلىق ئەھۋالىنى چەتئەلگە يەتكۈزگەنلىكى تۈپەيلى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن گۈلمىرە ئەمىن، ۋە غەيرەت نىيازدىن ئىبارەت سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. بىز يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۇرمەمەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.