ئىنسانلارنىڭ نەپسى ۋە ۋىجدانى توغرىسىدا

نەپسنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئىنسانلارغا ئېنىق مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما نەپسنىڭ كۆپلىگەن سۈپەتلىرى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئىنساننىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.05.10

ئىنسانلارنىڭ نەپسلىرى ئەسلىدە بىر نەپستىن يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەپسىدىن يارىتىلىپ كۆپەيگەن. بۇ ھەقىقەت ئىنسانلار ئارىسىدا نەپسلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەركىب نىسبىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىنسان نەپسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۈپەتلىرىدە بىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۆزىنى راھەتلەندۈرۈدىغان ۋە ئىستەكلىرىنى قاندۇرىدىغان نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، تەلەپ قىلىش، راھەت ۋە جاپانى ھېس قىلىش، شادلىنىش ۋە غەمكىن بولۇش، سۆيۈش ۋە نەپرەتلىنىش، ياقتۇرۇش ۋە يامان كۆرۈش، تەسىرلىك سۆزلەردىن ھېسسىياتقا كېلىش قاتارلىق ۋىجدانىي سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى نەپسنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن سانىلىدۇ. شۇنىڭدەك، توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىش، ئۆزىنى پاكلاش ياكى كىرلىتىش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ نەپستە بولۇپ، ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشى بىلەن ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ياخشىلىق - يامانلىقتىن خالىغانلىرىنى قىلىش قابىلىيىتى نەپستە باردۇر.

نەپس، ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئىشلەشكە قادىر

ئەللامە ئابدۇراھمان ھەبەننەكە "ئىسلام ئەخلاقى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، نەپسنىڭ خۇسۇسىيىتى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: "نەپس ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئىشلەشكە قادىر بولۇپ، قىلغانلىرىنى بىلىپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئېگىدۇر. شۇڭا نەپسنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىدا بولغان ئىشلار ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ياكى سۈپەتلىرىدىن سانالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن نەپس قىلغانلىرىدىن ئۆزى مەسئۇل بولۇپ، ياخشى قىلغانلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى ئېلىشقا ھەقلىق بولغان. مۇكاپات بىلەن جازا مەسئۇلىيەتنىڭ مېۋىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەت بولمىغان ئىشتا مۇكاپات ياكى جازا دېگەنلەر بولمايدۇ. شۇڭا نەپس يامان قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن مالامەتكە، ياخشى قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن مەدھىيىگە لايىق بولىدۇ. نەپس قىلغان بارلىق ئىشلىرىدىن مەسئۇل بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ياخشى-يامان بارلىق ئىشلىرى خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلىنىپ يېزىلغان ھالەتتە كۆرىدۇ."

نەپس بىلەن ۋىجدان

ئەللامە ئابدۇراھمان ھەبەننەكە مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" نەپس كۆپىنچە يامانلىقنىڭ، ۋىجدان ياخشىلىقنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئادالەتنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرى، جازالاشتىن ئاۋۋال ھېساب ئېلىش بولغىنىدەك، ھېساب ئېلىشنىڭ قائىدىلىرىدىن بىرى ھېساب بەرگۈچىگە ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھەققىنى بېرىشتۇر. شۇڭا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساب مەيدانىدا، ھەر بىر نەپس ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى : "ھەر ئادەم ئۆزى بىلەن بولۇپ كېتىدىغان، ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپاتى تولۇق بېرىلىدىغان، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدىغان كۈننى ئەسلىگىن" دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. نەپستە ياخشىلىق ۋە يامانلىق مەنبەلىرى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئىدراك قىلىش قابىلىيىتى ۋە بۇلارنىڭ قايسىسىنى قىلىشقا يېتەرلىك تۈرتكە بولغان ئىكەن، ئۇ ياخشى قىلغان ئىشلىرىدىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىش، يامان قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن بىئارام بولۇپ، ئۆزىگە مالامەت قىلىش خۇسۇسىيىتى باردۇر. چۈنكى نەپس قانداقلا بىر يامانلىقنى ئىشلەشكە يۈزلەنگىنىدە، ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى، ھەۋەسلىرىنى ۋە شەھۋەتلىرىنى تېزرەك قاندۇرۇش ۋە بۇ لەززەتلەر بىلەن ۋاقىتلىق ھۇزۇرلىنىش تۈرتكىسى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولىدۇ. نەپس قانداقلا بىر ياخشىلىقنى قىلىشقا يۈزلەنگىنىدە، ئۆزىدىكى ئىجابىي تۈرتكىلەر - ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق بەرگەن ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولىدۇ. ۋىجدان نەپسنى ھەمىشە ياخشىلىققا چاقىرىپ تۇرىدۇ. ئەمما، نەپس ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىش ياكى ئۇنى رەت قىلىش ئىشىدا ئىختىيار ئېگىسىدىدۇر. بۇ سەۋەبتىن نەپس ئۆز قىلمىشلىرىدىن جاۋابكار بولىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.