ئىران، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن نېمە ئىستەيدۇ؟

پارس - ئەرەب سۈركىلىشى ئۇزاق تارىخلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. بولۇپمۇ 1980 - يىللىدىن باشلىنىپ 8 يىل دۋام قىلغان ئىران - ئىراق ئۇرۇشى پارس - ئەرەب سۈركىلىشىنى چوڭ توقۇنۇشقا ئايلاندۇرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.02.04
iran-missile-test-305 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 9 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﭼﯚﻟﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

1988 - يىلى ئىككى تەرەپ ئۇرۇشى توختىغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قىسمەن ياخشىلىنىشقا قاراپ يول ئالغان، ھەتتا مىسىردا "سۈننى - شىئە ئىككى مەزھەب ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ" نامى بىلەن چوڭ سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلىش نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ خېلى يېقىنلىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلاردا پارس - ئەرەب سۈركىلىشى يېڭىدىن ئەۋجگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.

لوندوندا چىقىدىغان "ئوتتۇرا شەرق" گېزىتىنىڭ 2010 - يىلى 6 - يانۋار كۈنىدىكى سانىدا، مىسىرلىق يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئەلى تەرىپىدىن يېزىلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: "مىسىردا مۇندىن ئىلگىرى ئىران تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ۋە ئىران ئۈچۈن ئىشلەيدىغان 50 كە يېقىن ئادەم قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئېتىراپلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار مىسىردا ئىسرائىلىيىگە قارشى ھەرىكەت قىلىش باھانىسى بىلەن ساددا مۇسۇلمانلارنى ئىشقا سېلىپ مىسىر ئىچىدە پاراكەندىچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققانلار ئىكەن. ئەمدى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلسەك، ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى قوماندانى مۇھەممەد ئەۋفى ئۆز ئىختىيارى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىگە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، قىلغان ئېتىراپلىرىدا، ئۆزىنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى نامى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا، چەتئەللىكلەرنى ئېلىپ قېچىش، نىشانلانغان شەخسلەرنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋە پىلانلانغان جايلارنى پارتلىتىش جىنايەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىران دۆلەت مەخپىيەتلىك ئورگىنى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى."

ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىردىن نېمە ئىستەيدۇ؟

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "زادى ئىران سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مىسىردىن نېمە ئىستەيدۇ؟ ئىراننىڭ مەقسىتى نېمە؟ مۇندىن 8 يىل ئىلگىرى ئىران ئۆزىنىڭ يادرو پروگراممىسى توغرىلىق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىدە يوللۇق ۋە يولسىز بارلىق چارىلىرىنى قوللانغان ۋە دەسلەپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان بىلەن ئىراققا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىشىگە شەرت - شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئىران مەزكۇر ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئەجنەبىيلەرنىڭ بېسىپ كىرىشىگە ياردەم قىلغانلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىپلاسلىقىنى دەسلەپ مەخپىي تۇتقان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ئىشىنى پۈتۈن ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ھېچ خىجىل بولماستىن ئوچۇق - ئاشكارا سۆزلەيدىغان بولدى. ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي ماقامدىكى دىنىي رەھبىرى ئەلى خامىنىئىنىڭ 'ئىران بولمىغان بولسا ئىدى، ئامېرىكا ئافغانىستان بىلەن ئىراققا كىرەلمىگەن بولاتتى' دېگەن باياناتى بۇنىڭ دەلىلى."

ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەم دوستى ھەم دۈشمىنى

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: "ئىران شەيتاندىنمۇ ئۇستا ھېلىگەرلىكى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش، ھەم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى ئېلىپ باردى. ئافغانىستاندىن قاچقان ئەلقائىدە مەنسۇپلىرىغا ئىراندىن ئورۇن بېرىشى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكىتى بولسا، ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئەجنەبىي كۈچلەرنىڭ ھۇجۇم باشلىشىغا يېقىندىن ياردەم قىلغانلىقى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئىدى. ئىران ھازىر ئىراقتىكى شىئەلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنى پارتلىتىش ھەرىكەتلىرىگە، بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىغا ئىتتىرمەكتە. ھەتتا شىئەلەرنى ئاسترىتتىن شىئەلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىراق شىئەلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىراننىڭ قوينىغا ئېتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا. دېمەك، ئىران ئىراقتىكى بىگۇناھ شىئەلەرنىڭ قېنى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. ئىران مىسىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بېشىنى ئاغرىتىشتا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىچىدە نوپۇز ۋە كۈچ جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بۇ ئىككى چوڭ دۆلەتنى ئىچكى ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارالىق مۇھىم ئىشلاردىن ئايرىپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.