ئىراننىڭ ئىككى خىل سىياسىتى

ئىراننىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بىرى ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ بارماقتا. بۇنى ئاز دەپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بەزى سۈركىلىشلەر ۋە ئەيىبلەشلەر پات - پات بولۇپ تۇرىدىغان بولدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.23


تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئىراننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەۋقەسى ئىراننى ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن تېخىمۇ يىراق قىلىپ قويغان. ئىراننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن زېمىن تالىشىش ماجىراسى ۋە بەھرەيىندە خەلقنى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈشكۈرتۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىراننى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويۇشقا يېتەرلىك سەۋەبلەر ئىدى.

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى20 - نويابىر كۈنىدىكى سانىدا، يازغۇچى تارىق ھەمىد تەرىپىدىن «ئىراننىڭ راكېتالىرى ئىككى خىل» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان:«ئىراننىڭ راكېتالىرى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئىسرائىلىيىگە قارىتىلغان بولسا، يەنە بىرى ئەرەبلەرگە قارىتىلغان. ئەمما ئەرەبلەرگە قاراتقان راكېتالىرى كۈچلۈكتۇر. سۈرىيىدە نامايىش باشلانغان كۈندىن باشلاپ ئىران ھاكىمىيىتى سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا ئاشكارا ھەم يوشۇن قورال - ياراق، ھەم ئەسكەر ياردەم قىلىشنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ئەسەدنىڭ قانچىلىك زالىملىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنى قوللاش مەۋقەسىدىن ھېچ قايتمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىران كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشتى. ئىران ئىراقنى كۆۋرۈك قىلغان ھالدا سۈرىيىگە ياردەم توشۇدى. ئىراق ھاكىمىيىتىمۇ بۇنىڭغا كۆز يۇمدى. ھەتتا ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى مالىكى بۇ ئىشنى ئىنكار قىلىپ تۇردى. ئەمما خەلقى ئالەمنىڭ كۆزى بولۇۋاتقانلاردىن غەپلەتتە قالمىدى. ئىران ھازىرغىچە ئەسەدنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ ۋە سۈرىيە خەلقىنى بىرگە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىران پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئىسرائىلىيىگە قارشى قوراللاندۇرۇۋاتىدۇ. ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيىگە ئاتقان راكېتالىرى ئىراننىڭ راكېتالىرىدۇر. دېمەك، ئىران ئەرەبنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ ۋە ئەرەبنى مۇداپىئە قىلىۋاتىدۇ. بۇ قانداق سىياسەت؟»

ئىران ئابرويىنى قايتا تىكلەشنى مەقسەت قىلماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ2012 - يىلى21 - نويابىر كۈنىدىكى سانىدا، «ئىران ئابرويىنى قايتا تىكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان:«پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى ۋەزىيەت ھەقىقەتەن ئېغىر بىر ئىنسانىي ۋەزىيەت بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئىنسانىي خىسلىتىنى يوقاتمىغان ھەر قانداق ئادەم بۇ ۋەزىيەتكە ئېچىنىدۇ. چۈنكى بۇ ئىنسانىي كرىزىستۇر. مەيلى مۇسۇلمان، مەيلى باشقا دىندا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ قېنى تۆكۈلمەسلىكى كېرەك. مۇنداق كرىزىسقا مۇپتىلا بولغانلارغا ھەركىمنىڭ ھېسداشلىق بىلدۈرگۈسى كېلىدۇ ۋە مۇسىبەتلىرىگە تەسەللىي بەرگۈسى، كۈچى يەتسە ياردەم قىلغۇسى كېلىدۇ. ئەمما، مۇنداق ۋەزىيەتنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى خام خىيال قىلىدىغانلارمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: ئىران ئەسەد بىلەن بىرلىشىپ نەچچە يۈزلىگەن ئەرەبنى ئۆلتۈردى. ھالبۇكى، بەششار ئەل ئەسەدنىڭ سۈرىيىدىكى ئەرەبلەرگە قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى ۋە قەتلىئامى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قىلغانلىرىدىن ئېغىر. يېقىنقى ۋاقىتلار ئىچىدە سۈرىيىدە ئەسەد بىلەن ئىرانلىقلارنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئەرەبلەرنىڭ سانى شۇ كۈنلەردە ئىسرائىلىيىلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ. دېمەك، ئىراننىڭ سۈرىيىدە ئەرەبلەرنى شۇنداق ئۆلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن غەززەدىكى قېرىنداشلارغا ياردەم قىلىپ قويغىنى پەقەتلا سىياسەتتۇر. ئۇ كېتىپ قالغان ئابرويىنى بۇنىڭ بىلەن قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.