ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىككى چوڭ يىغىنى، پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ۋە كەشمىردە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.02.21
islam-dunyasi-ammiwi-teshkilatlar-305.jpg كەشمىردە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق كېڭەش يىغىنى. 2011-يىلى 20-فېۋرال.
RFA/Shohret Hoshur

ھەر ئىككى يىغىندا، ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىنغا پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق كېڭەش يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19‏-كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ئېچىلدى. مەزكۇر تەشكىلات يەنە 20-فېۋرال كۈنى كەشمىردە، خەلقئارالىق كەشمىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا ئىسلام دۇنياسىدىكى 15تىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 40تىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىندا ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىنغا پاكىستاننىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ھەيئەتلىرىدىن ئابدۇقېيىم ئەپەندى يىغىننىڭ ئالاقىدار جەريانى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

islam-dunyasi-ammiwi-teshkilatlar-islamabat-385.jpg
ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق كېڭەش يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19‏-كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا ئېچىلدى.
RFA/Shohret Hoshur

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كەشمىردىكى يىغىندىن قايتقان مەسئۇللىرى، ئەتىلىككە، ئىسلامئابادتا، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ھەيئەتلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقچى.

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى، 2005-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق غايىسى، ئىسلام دۇنياسىدىكى كىشىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىكلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر. تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى بولغان خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ياردەملەشمە ۋەخپى، 90-يىللارنىڭ بېشىدا بوسىنىيىلىكلەرگە ۋە 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدا چېچەنلەرگە مۇھىم ياردەملەردە بولغان. بۇ ياردەملەر، بوسنىيە ۋە چېچەنلەرنىڭ ئۇرۇش زەپەرلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.