ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى ھەققىدە مۇنازىرە

ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتى باش كاتىپى پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەتتىن ئىھسانئوغلۇنىڭ 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۈرىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتى تۈركىيىدە قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.01.29
islam-tinchliq-saqlash-armiyesi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻛﻮﻧﻔﯧﺮﺍﻧﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﻪﻛﻤﻪﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻬﺴﺎﻧﺌﻮﻏﻠﯘﻧﯩﯔ 1 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 28 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﯜﺭﯨﻴﻪﺕ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

پروفېسسور دوكتور ئەكمەلەتتىن ئىھسانئوغلۇ باياناتىدا، قالايمىقانچىلىق چىقىۋاتقان ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى قۇرۇش لايىھىسىنى ئىسلام دۆلەتلىرىگە سۇنغانلىقىنى، ئەمما بۇ پىلانىغا ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەرنىڭ قارشى چىققانلىقىنى ئېيتقان. ئەكمەلەتتىن ئىھسانئوغلۇ باياناتىدا ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى قۇرۇشقا قارشى چىققان دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇ بۇ مەسىلىنى تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلىشى، ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتىنىڭ بولسا ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئۈلىمالارنى يىغىپ مۈزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى قۇرۇلسا بولىدىكەن، نېمە ئۈچۈن ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى قۇرۇلسا بولمايدۇ؟  ئەكمەلەتتىن ئىھسانوغلۇ 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ھۈرىيەت گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا يەنە مۇنۇلارنى دېگەن: "نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىر تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى بىر دوكلات تەييارلاپ ئىسلام دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئۇلارغا بەردۇق. دوكلاتنى مۇتەخەسسىسلەرمۇ كۆزدىن كۆچۈردى. كېيىن ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتىغا ئەزا ئىسلام دۆلەتلىرىگە سۇندۇق، بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى بۇنداق بىر ئارمىيە قۇرۇشنىڭ بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بەزى ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بار تۇرسا، مەسىلىلىرىمىزنى ئۇلار ئارقىلىق ھەل قىلايلى دەپ قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسىنى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلدى. ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ھازىر سۇداننىڭ دارفۇر شەھىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. دېمەك بىرئاز ۋاقىتقا ئېھتىياجىمىز بار. بىز ئىسلام تىنچلىق ئارمىيىسى قۇرۇش پىلانى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا توختالماقچى."

ئوبزورچى ئىبراھىم قاراگۈل ئەپەندى، 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يېڭى شافاق گېزىتىدە بۇ ھەقتە  يازغان "ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسىنى تۈركىيە قۇرماقچىمۇ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، بۈگۈن دۈنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق بارلىقىنى، بۇ قالايمىقانچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم يوللىرىدىن بىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىسلام تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئىبراھىم قاراگۈل ئەپەندى ماقالىسىدە بۇنداق بىر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قايسى ئىسلام دۆلەتلىرى قارشى چىقىدۇ دەپ سوراپ، بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خەتەرلىك دەپ قارايدىغان دۆلەتلەر قارشى چىقىدۇ. ئىسلامغا خەۋپ دەپ قارايدىغان دۆلەتلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى، ئۇلارغا قوشنا ئىسلام دۆلەتلىرى قارشى چىقىدۇ." ئۇ ماقالىسىدە،  ئىسلام تىنچلىق ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە، مالايشىيا، ھىندونېزىيە ۋە ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرى رەھبەرلىكىدە قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژۇرنالىست ئازادجان بۇغرا ئەپەندىگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇ ئىسلام تىنچلىق ئارمىيىسىىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قارشى چىقىدىغانلىقى، بۇنداق بىر ئارمىيىنىڭ دۈنيا تىنچلىقىغا قوشىدىغان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.