يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھىنىڭ ئىككىنچى مۇئاۋىنى ئەمىر نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىز رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەر قايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن شەخسلەر "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"تەشكىلاتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقتى.
"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە 1962 - يىلى 18 - ماي كۈنى قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىسلام ئىتتىپاقىدۇر.
"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان. "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كومىتېتلىرىغا، خەلقئارا تەلىم - تەربىيە تەشكىلاتى (يۇنەسكو)غا، خەلقئارا بالىلار تەشكىلاتى (يۇنىسەف)قا، "خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتىيى"غا، "ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"غا ئەزا بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ يىغىنلىرىغا كۆزەتچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدۇ.
"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەشكىلاتىنىڭ كۆلىمى ۋە خىزمەت دائىرىسى
"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 40 تىن ئارتۇق شۆبىسى بولۇپ، ئۇلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خۇسۇسەن، مەسچىتلەرنى بىنا قىلىش، مەكتەپلەرنى ئېچىش ۋە نامرات رايونلارغا ياردەم قىلىش، ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەت ۋە كومىتېت ئەزالىرى دۇنيادىكى ئوخشاشمىغان مۇسۇلمان مىللەتلەردىن تاللانغان ئۆلىما، مۇتەپەككۇر ۋە يازغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان.
سىراجىددىن ئەزىزى بىلەن سۆھبەت
"ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى"تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىلىرىدىن سىراجىددىن ئەزىزى بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
سىراجىددىن ئەزىزى مۇنداق دېدى: "يىغىن ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتتى، يىغىنغا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدىن ناھايىتى كۆپ ئادەم قاتناشتى. 50 يىل جەريانىدا بۇ تەشكىلاتتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئونلارچە شەخسكە مۇكاپات تارقىتىلدى. تۈركىيىدىن باشلاپ مالايسىيا ۋە پاكىستانلارغىچە 57 دۆلەتتىن مەشھۇر شەخسلەر قاتناشتى. مۇندىن باشقا 'ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى' تەشكىلاتىنىڭ تەسىس ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. ئۇيغۇرلاردىن مەن ۋە جىددە شەھىرىدىكى مەشھۇر تىجارەتچى ئەمىن ئابدۇلغەپۇر ئىككىمىز ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك سۈپىتىدە قاتناشتۇق. بۇ يىغىن ھەرەمنىڭ يېنىدىكى سارايدا ئېچىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتتى. ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ تەگمەيدىغان بولۇپ كەتتى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.