ئىسلامغا كىرگەن ئامېرىكىلىق ياش زاكارىنىڭ بايانلىرى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ 7 مىليونغا يېتىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىغا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى شۇنىڭدەك دىن ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2009-12-02
Share

ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار ئارىسىدا مەشھۇر كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار داڭلىق ۋاسكىتبولچى كەرىم ئابدۇلجاپپار، بوكسيۇرچى مۇھەممەد ئالى ۋە مايك تايسون شۇنىڭدەك كوڭگىرىسمەن كىت ئېللىسون قاتارلىق كىشىلەر. بۈگۈن بىز ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىلىق ياش زاكارى ۋەست ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېنىق سانى مەلۇم ئەمەس، ئەمما ئامېرىكا ئىسلام ئالاقە كېڭىشىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا 2001 ‏- يىلى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەلىرىدىن كېيىن 34 مىڭغا يېقىن ئامېرىكىلىق ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.

23 ياشلىق زاكارى ۋەست ئۆزىنىڭ 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى روجىستىۋا بايرىمىدا چېركاۋغا بېرىشنىڭ ئورنىغا مەسچىتكە بېرىپ شاھادەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زاكارى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: " دىنلار ھەققىدە مەكتەپتە ۋە ئۇنېۋىرسىتېتتا دەرس ئالغىنىمدا ئىسلام ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات ئالدىم دىيەلمەيمەن. ئۇ چاغدا كاللامدا كۆپ سوئاللارغا جاۋاب تاپالمىغان ئىدىم، روجىستىۋا بايرىمى ھارپىسىدا قۇرئاننى سېتىپ ئېلىپ ئوقۇپ چىقتىم ۋە كاللامدا تۇغۇلغان بارچە سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپتىم."

زاكارى بالىلىق دەۋرىدە چېركاۋدا 5 يىل خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ":گەرچە مەن شۇنچە ئۇزۇن چېركاۋ ئىچىدە يۈرگەن بولساممۇ، ئەمما مەن پوپنىڭ مېنىڭ ئىسمىمنى بىرەر قېتىم چاقىرىپ باققانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن، ئەمما مەسچىتتىكىلەر مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى،" دەيدۇ.

زاكارى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى كۈنىنى خاتىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "مەسچىتكە بېرىپ دىن ئۆزگەرتىشكە قارار قىلغان كۈنى، ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل ئۆزگىرىش پەيدا بولغان ئىدى، ئاتا ‏- ئانامغا قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىمنى ۋە بۇ چوڭ قارارىمنى ئېيتمىدىم، مۇسۇلمانلار مېنى قانداق كۈتۈۋالار؟ بىرەر تېررورچى گۇرۇپپىلارغا يولۇقۇپ قالسام قانداق قىلىمەن دېگەن سوئاللار مېنى قىينايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەرمۇ مۇسۇلمان دوستۇم يوق ئىدى، ھېچكىم بىلەن شۇ كۈنگە قەدەر ئىسلام دىنى ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ باقمىغان ئىدىم."

زاكارىنىڭ شاھادەت ئېيتىشىغا گۇۋاھلىق بەرگەن ئىمام موخامەد مەجىد مۇنداق دەيدۇ: "كاتولىك ئائىلىسدىن كېلىپ چىققان ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، زاك كۆرۈنىشىدىنلا مۇسۇلمانغا ئوخشىمايتتى، شۇڭا مېنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتتى. بىراق كۆڭلۈم ئارام تاپتى، چۈنكى زاكارىنىڭ ئاتا ‏- ئانىسى ئۇنىڭ قارارىغا قارشى چىقمىدى. ئۇلار ھەم مەسچىتكە كېلىشتى، ئانىسى مەركىزىمىزدىكى ئىسلام ھەققىدە بېرىلگەن دەرسلەرگە قاتناشتى، شۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن زاركارىنىڭ ئىمانى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى."

مەسچىتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، زاكارى 5 ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، مەسچىتكە كۆپ كېلىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ئۈگەنگەن، ئۇ تۇنجى قېتىملىق رامىزان ئېيىدا روزىنى بىر كۈنمۇ كام قالدۇرماي تولۇق تۇتقان بولۇپ، مەسچىتتىكى جامائەت ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، مېھمانغا چاقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوست بولۇشقان.

زاكارى، بولسا: "مەن ئامېرىكىدا بۇنداق ئاجايىپ ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن، ئۇلار شۇنداق مېھرىبان كىشىلەر ئىكەن، مەن تولىمۇ ھەيران قالدىم،" دەيدۇ.

زاك ۋاشىنگتون شىتاتىغا يېقىن بىر جايدا ئاتا ‏- ئانىسى بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇنىڭ خانىسىدە ئىسلام ھەققىدىكى كىتابلار ۋە قۇرئان بار، ئۇ ئۆي ئىچىدە شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇزۇن لىباسىنى كىيىپ يۇرۇيدۇ.

ئۇنىڭ ئانىسى، مېرى ئېن ۋەست، "مەن ئوغلۇمنىڭ قارارىغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، كىچىك چېغىمدا ئاتا ‏- ئانام، مەن خالىمىغان ئىشلارنى ماڭا مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئەمما مەن پەرزەنتلىرىمگە بۇنداق مۇئامىلە قىلمايمەن، ئوغلۇمنىڭ ھەر بىر ئىشىدا ئۇنى قوللاپ قۇۋەتلەپ كەلگەنمەن، بەزىلەر ماڭا بۇ ئۆتكۈنچى بىر قىزىقىش، كېيىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ چوقۇم قارارىنى ئۆزگەرتىدۇ دېيىشتى، بىراق مەن بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلمىدىم. توغرا، زاكنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، ئۆزىنى تۇتۇشى باشقىلارغا ياقماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئالغىلى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىشلارنى ئوغلۇم ئىمان يولىدا قىلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭغا مەن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمەيمەن" دەيدۇ.

زاكارى ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ دوستلاشقان بولۇپ، 2001 ‏- يىلى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان بىلال ئابدۇسابۇر ئىسىملىك قارا تەنلىك ياش يىگىت، زاكارى مەسچىتتە كەلىمە كەلتۈرگەن كۈنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان.

بىلال ئابدۇسابۇر، زاكارى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "زاكنىڭ ئاتا ‏- ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ، ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىمەن. مۇسۇلمان بولغىنىمغا 8 يىل بولدى، ئائىلەم ھازىرغا قەدەر مەندىن نارازى، ئانام ماڭا دائىم، سەن ھاياتىڭدا ئەڭ چوڭ خاتاغا يول قويدۇڭ دەيدۇ، ئۆيدە ھېچقاچان دىن توغرىلىق گەپلەشمەيمىز، مەن تېررورلۇق ھۇجۇملاردىن كېيىن ئىسلام ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئىشلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم. تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغۇم كەلدى، قۇرئاننى ئۆگەندىم، ئىنسانىيەت دۇنياسىغا زىيان ئېلىپ كېلىشنىڭ ناھايىتى چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى تونۇدۇم."

زاكارى ۋەست ئىسلام ھەققىدىكى بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ھەمدە مەسچىتتە ھەر خىل ئىشلارغا ياردەملىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ ياخشى باھاسىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولماقتا. زاكارى تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى جەنۇبىي كارولاينا شىتاتىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان سوفىيلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Dec 03, 2009 03:26 PM

ﯪﻟﻼﻫ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﯪﺧﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻏﺎ ﯪﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻱ

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت