د ئۇ ق ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 8 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى. ئىفتار زىياپىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ئەسقەرجان ۋە سەمەت ئابدۇللا ئەپەندىلەر ساھىپخانلىق قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.08.20
Duq-Istanbulda-Iftar-ziyapiti-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 19 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

ئىپتار زىياپىتى ئىستانبۇلدىكى ئەنسار ۋەخپىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ياۋرۇ ‏- ئاسىيا تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ئۇيغۇر ئاكادېمېسى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئىپتار زىياپىتى جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەت پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئىپتار زىياپىتى جەريانىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەمەت ئابدۇللا ئەپەندى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.