ئىستانبۇل ‏- زەيتۇنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى ئۇيغۇرلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

2008 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 15 ‏- كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونى شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلىرىغا ئىپتار زىياپىتى بەردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.09.17
Zeytunburnu-Uyg-Iftar-305 2008 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺷﻪﻫﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﻳﺘﯘﻧﺒﯘﺭﻧﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺷﻪﻫﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﭙﺘﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

 زىياپەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقلىرى، ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق مۇسۇلمانلىرى بولۇپ جەمئىي 2500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئىپتار زىياپىتى زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ مەركەز ئەپەندى مەھەللىسىدىكى ئىپتار چېدىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2500 كىشلىك چوڭ ھەجىمدىكى ئىپتار چېدىرىغا سىغمىغان يۈزلەرچە كىشى سىرتتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

ئىپتار زىياپىتى ئەسناسىدا زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، زىياپەتكە قاتناشقان مېھمانلارغا تەشەككۈر ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

" قىممەتلىك ئەزىز مېھمانلار، زەيتۇنبۇرنىنىڭ گۈزەل ئىنسانلىرى، مەن زەيتىنبۇرنۇدا سىزلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئۆزۈمنى ئىپتىخار ھىس قىلىمەن. زەيتۇنبۇرنۇ شەرقىي تۈركىستاندىن باشلاپ پۈتكۈل دۇنيادىكى تۈرك مىللىتىگە قۇچاق ئاچقان بىر رايوندۇر. بۇ مەركەز ئەپەندىدە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتىمىز. مەن سىلەرگە بۇ بىز ئىپتار قىلىۋاتقان ئورۇندىن يەنى مەركەز ئەپەندى ھەققىدە سۆز قىلىمەن. فاتىھ سۇلتان ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلغاندا 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن كېلىپ بۇ ئورۇندا قارارگاھ قۇرغان ئىكەن. بۇنىڭدىن 400 يىل ئىلگىرى تۈركىستانلىق مەركەز ئەپەندى دېگەن تىببىي ئالىم ئىستانبۇلغا كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرقى 40 يىلىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزگەن. تۈركىستاندىن تۈركىيىگە كەلگەن خوجا ئەھمەد يەسەۋىي مەۋلانە ھەزرەتلىرى مۇشۇ ئورۇنغا يەرلەشكەن ھەمدە يېڭىقاپى مەۋلىۋىخانىسىنى مۇشۇ ئورۇندا قۇرغان. بۇ ئورۇن تارىختىن بېرى بىر كۈلتۈر ۋادىسى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئورۇندا بۈگۈن بىز 2500 كىشى توپلىنىپ ئىپتار قىلىپ ئولتۇردۇق. بۇ ھاياجانلىق يىغىلىشنىڭ تەسىرى شەرقىي تۈركىستانغا يېتىپ بارىدۇ. بۇ ھاياجانلىق يىغىلىش شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا مەنىۋى ئوزۇق بولغۇسى. بۇ زىياپەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ھەمكارلاشقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاللاھ بىزنىڭ بىرلىك بارابەرلىكىمىزنى بۇزمىسۇن. ئاللاھ يۈزىمىزنى ھەر زامان كۈلدۈرسۇن. دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ بۇ يەرگە كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ۋە تەشەككۈر ئېيتىمەن."

زىياپەتكە قاتناشقۇچى مېھمانلار مۇراد ئايدىن ئەپەندىنى قىزغىن ئالقىشلىدى. ئىپتار زىياپىتى ئەسناسىدا يەنە زەيتۇنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى شۇنداقلا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەجلىس ئەزاسى ئىلياس ساكا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلارنىڭ زىياپەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلياس ساكا ئەپەندى يەنە، بۇ ئىپتار زىياپىتىنى ئۇيۇشتۇرغان شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇھاجىرلارغا يېقىندىن يار يۆلەكتە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان زەيتۇنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئەپەندىگە ئۇيغۇر قازاق قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلياس ساكا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندىن كۆچۈپ كېلىپ زەيتىنبۇرنىغا ئورۇنلىشىپ قالغان قازاق قېرىنداشلاردىن بىرى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك زەيتۇنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق مۇھاجىرلارنىڭ كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى.

ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بېرىپ كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتناش ۋاستىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئورۇنلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزلىرى ئالدىدىن ئىپتار زىياپىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئورۇنغا بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

زىياپەت زالى ناھايىتى ھاياجانغا تولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىلىشتا ئىستانبۇل تارىخىدا تۈنجى قېتىم 2500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولىشى ئىدى. بىز زىياپەت جەريانىدا بىر قىسىم ئىپتار ئىشتىراكچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.