ئىستانبۇلدا 'ئاسىيانىڭ مەركىزىدە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى' ئۆتكۈزۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.01.26
2010.01.26
AFP Photo
يىغىنغا ئافغانىستان دۆلەت رەئىسى ھامىد كارزاي ۋە پاكىستان دۆلەت رەئىسى ئاسىف ئەلى زەردارى، ھەمدە ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاخباراتچىلارنىڭ سۈرەت تارتىشقا رۇخسەت قىلىندى، يىغىننىڭ كېينكى قىسمىغا ئاخباراتچىلارنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ، ئىران جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد رىزا رېھىمى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياڭ جېچى، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىد مىلىباند، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي رەسۇل، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناۋازادە مالىكخان، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامرۇخان زارىفى، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قادىربەك سارباۋ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى دۆلەت مىنىستىرى ئەنۋەر گارگاش، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئالېكسىي بوروداۋكىن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
يىغىنغا يەنە ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇ، ئىقتىساد ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد يەھيا مارۇف، ئامېرىكا دۆلەت رەئىسىنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى پائۇل جونېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپنىڭ ئافغانىستان بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ياردەمچىسى ۋولفگاڭ ۋېسبورد ۋېبېر، شىمالى ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى سېكرىتارىنىڭ ياردەمچىسى لارىي روسسىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى خىم موران ۋە ياپونىيە ۋەكىلى قاتناشتى.
يېڭى دەۋىردە ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى مەقسەت قىلغان بۇ يىغىندا، ئافغانىستان دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خوشنا دۆلەتلەر ھەمكارلىشالايدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا يەنە ئافغانىستان ھەققىدە ھەر تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈنەرلىك بىر ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن مەيدان ھازىرلاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا يەنە، 2009 - يىلى، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلغان رايونلۇق ئۇچرىشىش، يەنى، تۈركىيە، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ ئالى دەرىجىلىكلەر يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ نەتىجىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، "ئاسىيانىڭ مەركىزىدە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ" يېپىلىش مۇراسىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئافغانىستاندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قورال ئىشلىتىش يولى بىلەن ھەل قىلىنمايدۇ، رايون دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز مەسىلىسىگە ئوخشاش ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى كېرەك."
ئابدۇللاھ گۈل سۆزىدە يەنە، "شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئافغانىستانغا ھەربىي جەھەتتە ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيە، نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ياردەم قىلىۋاتىدۇ" دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، ئۇ ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقان.
ياڭ جېچىنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل چىراغىن سارىيىدا قوبۇل قىلدى. ئىككى تەرەپ تۈركىيە - خىتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەتكە ئالاقىدار رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتە ئاخباراتچىلارغا تەپسىلى ئۇچۇر بېرىلمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.