رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بىرلىكتە ئىپتار قىلىپ ئۆز ئارا دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ كەلمەكتە. 2010 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يەنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن قاتارلىق مۇھىم شەخسلەرمۇ قاتناشتى.
ئىپتاردىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر ئەپەندى سۆز قىلىپ رامىزان ئېيىنىڭ 27 - كۈنىدىكى قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە توختالدى.
بىز بۇ ئىپتار زىياپىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان تارانچى تىرە زاۋۇتىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر كارخانىچى سېيىت تارانچى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مۇدىرى تۇرغۇنجان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تارانچى ۋە تۇرغۇنجان ئالاۋىددىن ئەپەندىلەر مەزكۇر ئىپتار پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.