ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2009 ‏- يىلى 9 ‏‏- ئاينىڭ 21 ‏- كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ 2 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە روزا ھېيتنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.09.22
Istanbulda-Roza-Heyt-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﻰ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2009 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 9 ‏‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 21 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩﺧﭙﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺭﻭﺯﺍ ﻫﯧﻴﺘﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر ‏- ئايال بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە يەنە روزا ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

مۇراسىمدا يەنە ئىستانبۇل شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇرات كوجاباش، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى پروفېسسور دوكتور تۇران يازغان، پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى، ئاۋسترالىيىدىن ئىستانبۇلغا زىيارەتكە كەلگەن پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئەخمەت ئىگەمبەردى قاتارلىق رەھبەرلەر سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى.

ئىستانبۇل شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇرات كوجاباش ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭلارنىڭ مۇبارەك رامىزان بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندا شەھىد بولغان قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمەن، تۇپراقلىرى مول بولسۇن، روھلىرى شات بولسۇن، ئەركىنلىك يولى ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولسۇن، خۇدايىم بۇيرىسا بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا، كۆك بايراقنىڭ لەپىلدىشى ئاستىدا ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز."

مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان سۆز قىلىپ، بۇ يەردە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار روزا ھېيتنى بىر يەرگە جەم بولۇپ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
 
مۇراسىمدا يەنە ئىستانبۇل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شېئىر ئوقۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇيغۇر قىزى ئىنجىنىر كۇچار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ مۇراسىم ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى، 'ۋەتىنىمىدىن چىقىپ كەت' قاتارلىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

كېيىن قاغىلىقتا ئالەمدىن ئۆتكەن مەشھۇر دىنى مەرھۇم ئالىم ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھايات ‏- كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. ئاخىرىدا زىياپەت بېرىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.