ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.08.19
2009.08.19

RFA Photo / Arslan
بۇ ئۇيغۇر سىنىپلىرىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى، مىللىي ئۆرپ ئادەت، مەدەنىيەت، ئىسلام دىنىدىن مەلۇمات ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش دەرسى ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئوقۇشنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىنغان ھەمدە ئەلاچى بولغانلارنى 3 دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپاتلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ كۇرسقا باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىدە ئوقۇۋاتقان 7 ياشتىن 15 ياش ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئىستانبۇل شەھرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم، ئۇيغۇر سىنىپىدا ئوقۇپ قۇرئان ساۋادى چىققان ئەسەدۇللا ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىشى بىلەن باشلاندى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىز باسارلىرى بولغان ئەۋلادلار ئۈچۈن مائارىپ ۋە تەلىم تەربىيە ئېلىشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى شۇنداقلا بىلىملىك ئىنسانلار بىلەن بىلىمسىز ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى ھەققىدە توختالدى.
مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن مەرىپەتپەرۋەر، تۆھپىكار شەخسلەر ھەققىدە توختالدى شۇنداقلا بۇ قېتىمقى كۇرستا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ۋە دەرس ئۆگەتكەن ئوقۇتقۇچىلارغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى.
ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغا پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشىنى تەۋسىيە قىلدى، شۇنداقلا، ياخشى ئوقۇغان پەرزەنتلەرنىڭ ئارىسىدىن مىللەتنى يېتەكلەيدىغان داھىيلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدا ئۆسمۈر بالىلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 'ئىز'، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ 'ئويغان' ناملىق شېئىرلىرىنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى، كېيىن باشقا بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىلار 'گۈزەل تۈركىستان' ناملىق ناخشا ئوقۇدى، ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن تەقدىم قىلىنغان ' ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم - ئىسكەنجىلىرى تەسۋىرلەنگەن ' ئىتوت كىشىلەرنى بەك تەسىرلەندۈردى.
مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات بويۇملىرى تارقاتتى. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن 2 ئوقۇغۇچى بىر تالدىن تۈركىيە يېرىم جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر چارەك جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى، 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر بىر تالدىن قول سومكىسى ۋە ماددى ئەشيالار بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئاخىرىدا كۇرسقا قاتناشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا قول سومكىسى مۇكاپات بېرىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.