ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىر يۈرۈش ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىدىن 4 ‏- كۈنىگىچە، ئىستانبۇلنىڭ بەكىركۆي ئىمامخاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى باشلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2010.11.09
Istanbulda-uyghurlarni-tonushturush-paaliyiti-1-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 4 ‏- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﯞﯗﻟﻼ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

4 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتنى بەكىركۆي ئىمامخاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتتە، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش، رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ تولۇق ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە بېرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى ۋە زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ ‏- ئادەت مەدەنىيەتلىرى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.
Istanbulda-uyghurlarni-tonushturush-paaliyiti-2-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 11 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 ‏- ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 4 ‏- ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﻪﻛﯩﺮﻛﯚﻱ ﺋﯩﻤﺎﻣﺨﺎﺗﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
 
بەكىركۆي ئىمامخاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تەسىس قىلىنغان دىنى تەلىم ‏- تەربىيىنى ئاساس قىلىپ پەننى دەرسلەر قوشۇمچە ئۆگىتىلىدىغان مەكتەپ ئىكەن. بۇ مەكتەپتە قىزلارنىڭ سىنىپى ئوغۇللار سىنىپى ئايرىم بولۇپ، جەمئىي 70 سىنىپتا 3500 ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇيدىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر 200 ئوقۇغۇچىغا بىر سائەتلىك ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى 3 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركسىتان ۋە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ سىنئالغۇ فىلىم كۆرسىتىلدى ۋە لېكسىيە بېرىلدى.

بۇ يىغىن زالىنىڭ كارىدورىدا يەنە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن 50 پارچىدىن ئارتۇق چوڭ ھەجىمدىكى رەسىملەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى قويۇلدى.
 
بىز بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بەكىركۆي ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى ئايسۇن ئالتۇنخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئايسۇن خانىم، نېمە مەقسەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردىڭلار؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

"بىز، شەرقىي تۈركىستان قەيەردە؟ بىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار بۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. يەنە بىرسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى، دۇنيانىڭ قەيەردە بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ يېنىدا بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا چۈشەنچە بېرىش ھەققىدە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇردۇق. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پۈتكۈل دۇنيا ئۇ يەردىكى زۇلۇمنى كۆرىدۇ ۋە بۇ ھەقسىزلىقلارنى توختات دەيدىغان كۈنلەر كېلىدۇ، بىز بۇ مەسىلىنى قانچە كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلاتساق، شۇنچە كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرىمىز، دۆلەت، خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە ئاساسەن سىياسەت بەلگىلەيدۇ. بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئارا سىياسەتلەر يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ناھايىتى ئۈمىدلىك يېڭىلىقلار بولىۋاتىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بۇلار ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ."

ئايسۇن ئالتۇن خانىم يەنە بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدىن قانداق نەتىجە كۆرۈلىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

"ھەقىقەتەن بىز، شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پروگراممىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەك ياخشى قىلدۇق. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتە ناھايىتى پايدىسى بولدى دەپ قارايمەن. ئوقۇغۇچىلار بۇ پروگراممىدىن ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، بىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىن بولسۇن، مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسۇن بەك يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىپ يەتتى. بىز بۇنىڭدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، بەلكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەر قانداق پروگراممىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش پائالىيەتلەرنى داۋام قىلىمىز."
 
بىز يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

ئۆزىنى قادىر قىلىچ دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى لېكسىيىگە قاتنىشىپ، رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

"مەن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيتتىم. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشغال ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېچ بىلمەيتتىم. بۇ يەردە قويۇلغان فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن مەن ھەيران قالدىم. بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. يالغۇز دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن قول ئۇزىتىش كېرەك."
 
ئەخمەت سېرىتاش ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

"شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن زۇلۇم ئاستىدا قالدى، بىز ئۇلار بىلەن ھەم ئىرقىي ھەم دىنى جەھەتتە ئوخشاش بىر مىللەت. ئاللاھ ئۇلارنى ئەڭ قىسقا زاماندا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشقا نېسىپ قىلغاي، ھەقىقەتەن ئۇلار شۇنى بولسۇنكى بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق قوغدايمىز، ھېچ قاچان ئۆزلىرىنى يالغۇز دەپ ھېس قىلمىسۇن."
 
ئىسمىنى سائىدى شوك دەپ تونۇشتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ يىغىن، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىشتە ناھايىتى پايدىلىق بولدى. شەرقىي تۈركىستانغا ئوخشاش مۇسۇلمانلار ياشايدىغان ئورۇننىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بەك ئەيىبلىك بىر ئىش. ئاخباراتلارنىڭ، ئۇ يەرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىشىغا قارشى چىقىمەن. ئۇ يەر شەرقىي تۈركىستان. بايرىقى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىرقداشلىرىمىز، كوممۇنىزم رۇسىيىدە يىمىرىلگەندىن كېيىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى. ئوخشاش شەكىلدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىمەن. مۇسۇلمانلار بىرلىك باراۋەرلىك ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشمىغانغا قەدەر، ئاكتىپ ھالدا بىر مۇسۇلمان ‏- ئىسلام بىرلىكى قۇرۇلمىغانغا قەدەر، بۇ خىل زۇلۇملار تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمان تۇپراقلىرىدا داۋام قىلىدۇ. ئاللاھ سەبىر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەبىر قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سالام يوللايمەن."
 
ئوغۇز ئەكىمبىجەر ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

"مېنىڭ ئىلگىرى خىتايلارغا ئىچىم ئاغرىيتتى. بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئىنسانلار قانداق ياشايدۇ، قانداق جېنىنى باقىدۇ دەپ ئىچىم ئاغرىيتتى. بۇلارغا ياردەم قىلىش مەقسەتتە تىجارەتتە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالايلى دەپ ئويلايتتىم ۋە باشقىلارغىمۇ نوپۇسى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلاتتىم. بۈگۈن بۇ يەردە قويۇلغان فىلىمنى كۆرۈپ لېكسىيىنى ئاڭلاپ، خىتايلارنىڭ ئىنسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ماللىرىنى ئالمايمەن ۋە ئەتراپتىكى يېقىنلىرىمنىمۇ خىتاي مېلى سېتىۋېلىشتىن توسىمەن. چۈنكى ئۇنچىۋالا ئىنساننىڭ قانلىرى بىلەن بويالغان ماللارنى كىم ئالسۇن!"

بەرنا كوندار ئىسىملىك ئوقۇغۇچى مۇنداق دېدى:

"مېنىڭ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھېچ بىر مەلۇماتىم يوق ئىدى. بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىر ئەھۋال ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ھەم دىنى ھەم مىللى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى كۆرەشلىرىنى قوللايمىز."

بىز يەنە بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە 3 كۈن توختىماي لېكسىيە بەرگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمنىڭ پىكىر ‏- قاراشلىرىنى ئالدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.