ئىستانبۇلدا 'ئۇيغۇر پەن ‏- مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى' دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى، 5 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن "ئۇيغۇر پەن ‏- مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى" دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2010.05.11
Uyghur-pen-texnika-muhakime-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ، 5 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ "ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻥ ‏- ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا، ئامېرىكىنىڭ "ناسا" دەپ ئاتالغان ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىمى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ئەركىن سىدىق، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ھەم ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەر خىل كەسىپلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن زىيالىيلاردىن كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى.

يىغىن ئىككى بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە ، ئۇيغۇر فىزىكا ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، "ئۇيغۇر مائارىپى ۋە قوش تىل"، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، "ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپ"، ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى "تارىخ ۋە ئىستراتېگىيە: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ساھەلەر ئارا مۇناسىۋەت"، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، "ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى" دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە، ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ كەسپى بويىچە خىزمەت قىلىۋاتقان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى ئوخشىمىغان تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىندا ئەركىن سىدىق ئەپەندى، مىللىي كىملىكنى ساقلاش، مىللىي روھنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈش ھەققىدە سۆز قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا يەنە، يىغىندا سۆز قىلغان ئالىملار يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى، 2009 - يىلى، 9 - ئايدا تۈركىيىدە ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان، ئىلىم - پەن ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى ئالىي غايە قىلغان بىر ئىلمىي جەمئىيەتتۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.