ئىستانبۇلدا 'شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاي مەسىلىسى' ناملىق يىغىن ئېچىلدى

ئۆتكەن جۈمە كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، 'شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاي مەسىلىسى' نامدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ
2009.08.04
Istanbulda-sh-t-diki-xitay-mesilisi-yighini-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 31 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ، 'ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﺴﯩﺘﺎﻧﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ' ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan

يىغىنغا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ياشلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىندا 4 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك رەسىم سىلايىد كۆرسىتىلدى. يىغىندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دونۇك ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى ئەپەندى، گەبزە ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتۇر سالىھ ئاينۇرال ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلدى.

بىز يىغىن ئاخىرىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دونۇك ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئىستانبۇل ياشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دونۇك ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستاندا يىللاردىن بىرى زۇلۇم بار. باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بۇنى ئىپادىلىدى، ئۇ يەردە بىر زۇلۇم بار، ئۇ يەردە بىر ئىرقى قىرغىنچىلىق بار دېدى، ھەقىقەتەن ئۇ يەردە بىر ئىرقى قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، دۇنيادا بىر ئىنسان ئازاپلانسا بىزنىڭمۇ يۈرىكىمىز ئازابلىنىدۇ، بىز ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ يەردە بولۇۋاتقان زۇلۇمدىن قايغۇرىمىز، بۈگۈن بىر يىغىن ئاچتۇق، ئەتە ‏- ئۆگۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە، تېخىمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلىمىز، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلار بىلەن بىرگە قايغۇرىمىز، خۇدايىم بۇيرىسا شەرقىي تۈركىستان بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلىدۇ ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.