ئىستانبۇلدىن كەلگەن ئۇيغۇر ھەيئەت ئەنقەرەدە مۇھىم پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايۇتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىبى ئالىمجان بۇغدا باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك ھەيئەت 2 - ئاينىڭ 15 ۋە 16 - كۈنلىرى ئەنقەرەدە ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010-02-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﯘﺗﯘﻟﻼﻫ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﺒﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﺠﺎﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ 4 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﻳﺌﻪﺕ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 ﯞﻩ 16 - ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩﺩﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺷﺎﯞﻛﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﺘﻪ.

RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇلار بۇ ئىككى كۈن جەريانىدا بەزى سىياسى پارتىيىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىستانبۇلدىن كەلگەن مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئەت تۈركىيە پارلامېنتىدا بەزى مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە تەييارلىغان دوكلاتىنى ئۇلارغا سۇندى.

ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت