ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار لايىھىسى ماقۇللانغان

ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى رابىيە قادىر خانىم، رەسمىي تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ چوڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى. بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس قارار لايىھىسى ماقۇللانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.23
Rabiye-Xanim-Filim-Festiwalida-sozde-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ماقۇللانغان قاراردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى قاتتىق ئېيىبلەنگەندىن باشقا، تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى ئوغلىنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.

قاراردا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا كۈن تەرتىپكە ئەكىلىش تەلەپ قىلىنغان. بۇ لايىھە زورلۇقسىز رادىكاللار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئىتالىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتلىرىغا يوللىنىدىكەن. بۇ قارار پارلامېنتلاردا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ رەسمىي تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىدىكەن.

مەزكۇر قاراردا يەنە نېمە مەزمۇنلار بار؟ رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيىنىڭ پايتەختى رىمدا يەنە نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟ بۇ ھەقتە رابىيە خانىم ئۆز پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Nov 23, 2009 11:19 PM

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻕ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﯴﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ .ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯓ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯧﻢ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﯬﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .

Anonymous
Nov 25, 2009 09:36 AM

ﺭﺍﺳﻼ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﯪﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎﻣﺎﻳﺪﯗ؟
ﯪﻻﻫ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﯪﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﯰﺯﯗﻥ ﯲﻣﯘﺭ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﺴﯘﻥ

Anonymous
Nov 23, 2009 06:04 PM

Rabiya kadir animiz nimixka Turkiye ge barmaydu?!!!! zadi nimixka!!!!!!!!!!!!