جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت ھەققىدە مەلۇماتلار(2)

مەلۇم بولۇشىچە، شىۋىتسىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جاسۇس گۇماندارى بابۇر مەخسۇت 1948 ‏- يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان، تيەنجىندە چوڭ بولغان. 1969 ‏- يىللار ئەتراپىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خوتەنگە كۆچۈپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.06.22
Jasus-gumandari-Babur-Mexsut1-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺗﻨﯩﯔ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﺎﺳﯘﺱ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﺑﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺸﻰ.
RFA Photo

بابۇر مەخسۇتنىڭ دادا تەرەپ جەمەتى ئۇيغۇر؛ ئانا تەرەپ جەمەتى بولسا تۇڭگان مىللىتىدىن. ئەينى يىللاردا تيەنجىندە ياشىغان ئۇيغۇرلار بابۇر مەخسۇتنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەلۇماتلارنى بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.