ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بېرىلدى

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك يىغىنى شۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەدە رەسمىي باشلاندى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتناشتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-11-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن (سولدىن ئوڭغا) دولقۇن ئەيسا، ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەرجان ۋە Michael Philipps سۈرەتتە يوق) قاتارلىق تۆت كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. 2012-يىلى 27-نويابىر، جەنۋە.
ب د ت ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن (سولدىن ئوڭغا) دولقۇن ئەيسا، ئىلھام مەخمۇت، ئەسقەرجان ۋە Michael Philipps سۈرەتتە يوق) قاتارلىق تۆت كىشىلىك ھەيئەت قاتناشتى. 2012-يىلى 27-نويابىر، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ 14 ماددىلىق تەلىپىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر تەكلىپ بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. 29-نويابىر كۈنى جەنۋەدە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. رەئىسى ناۋاڭ كوپېر ئەپەندى ئۆتكەن ئىككى يىللىق خىزمەت دوكلاتى، باش سېكرېتار مارىنو بۇتتاچىن ئەپەندى مالىيە دوكلاتى بەردى. كېيىن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى» تېمىسىدا دوكلات ئوقۇدى.

11-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 30 مىللەتتىن 60 ۋەكىل قاتناشماقتا. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت