ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئىنىسى ئەنۋەر «ئاكام ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىدى»

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ تۈركىيىدىكى ئىنىسى ئەنۋەر، ئاكىسىنىڭ قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

ئەنۋەر ئىسرائىل ئاكىسى ئەرشىدىننىڭ غۇلجىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر پەزىلەتلىك ھاياتىدا ھېچقانداق جىنايەت سادىر قىلمىغان پاك بىر ياش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنۋەر ئىسرائىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئاكىسى ئەرشىدىن ئىسرائىل 1972-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى غۇلجىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن، قورغاس 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىخەنزە پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۈرە يېزىلىق 2-ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1997-يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزدى دەپ 6 يىللىق كېسىلگەن. تۈرمىدە 10 ئاي ياتقاندىن كېيىن ئېغىر كېسەل بولۇپ، 4 ئاي ئۆيىدە داۋالانغان، كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۆيىدىن زەمبىلگە سېلىپ ئېلىپ كېتىپ، 6 يىل ئۈرۈمچىدىكى تۇرمىغا قامىغان. ئۇ، 6 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن 2003-يىلى قويۇپ بېرىلگەن. 2003-يىلىدىن كېيىن تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چېگرا ئاتلاپ قازاقىستانغا قېچىپ چىققان.

ئەنۋەر، ئاكىسى قازاقىستاندا سوتلانغاندا، ئۆزىنىڭ ئاكىسىنىڭ سوتىغا قاتناشقانلىقىنى، بىر قېتىملىق سوتنىڭ 2 مىنۇت سۈرگەنلىكىنى، سوتچىنىڭ ئەيىبلەشنى ئوقۇپ ئۆتكەندىن كېيىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئاقلاش ئۈچۈن سۆزلىشىگە رۇخسەتمۇ قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ تۈركىيىدىكى ئىنىسى ئەنۋەر رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاكىسىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىنى، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ئىلتىماس قىلدى.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ئۇكىسى ئەنۋەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.