كۆرۈنەرلىك ژۇرنالىست تۇرداخۇن نەزەروفنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلەندى

27 - سېنتەبىر كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ "لەززەت" ئاشخانىسىدا قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان كۆرۈنەرلىك ژۇرنالىست تۇرداخۇن نەزەروفنىڭ 75 ياشقا تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

تۇرداخۇن نەزەروف ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك "كوممۇنىزم تۇغى" يەنى كېيىنكى ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن تەتقىقات ۋە ئەدەبىي ھەم ژۇرنالىستىك ئەسەرلەرنى يازغان.

تۇرداخۇن نەزەروف 1986 - يىلى قازاقىستاندا يۈز بەرگەن "قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىدى،" دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئىشتىن ھەيدەلگەن.

مەزكۇر مۇراسىمغا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، يۇرتداشلىرى، دوستلىرى، كەسىپداشلىرى ھەم شاگىرتلىرى قاتناشتى. مەرھۇمغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن تۇرداخۇن نەزەروفنىڭ ھايات يولى ۋە ئەمگەك پائالىيىتى ھەم ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.