ئېلشات ھەسەن، جۇۋ يوڭكاڭنىڭ 18-قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ۋەكىل بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇۋ يوڭكاڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كومپارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇۋ يوڭكاڭنىڭ بۆ شىلەي ۋەقەسىدە خاتالىشىپ، ۋەزىپىسىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

جۇۋ يوڭكاڭنىڭ 14-مايدىن 17-مايغا قەدەر ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، مەزكۇر رايوندىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىكىگە كۆرسىتىلىشى، نۇرغۇن كىشىلەرگە تاسادىپىيلىق تۇيۇلغان. بىراق شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق سىياسىي پەنلەر لېكتورى، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كومپارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.