تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، 2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ سەفاكۆي شۆبىسىدە، 1933 ‏- يىلى سابىت داموللا باشچىلىقىدا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 ‏- يىلى غۇلجىدە ئەلىخان تۈرەم باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا يەنە سائادەت پارتىيىسىدىن 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت قاتناشتى. مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن 30 پارە قۇرئان كەرىم تولۇق ئوقۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش يولىدا ھاياتىنى پىدا قىلغان پۈتكۈل شېھىدلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى. مۇراسىمدا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نوتىقى سۆزلىدى.

مۇراسىمدا سائادەت پارتىيىسنىڭ تاشقى ئىشلار مەسئۇلى زەكىرىيا ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ مۇراسىمغا قاتناشتۇق. ھەممىڭلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن. سىلەر بىلەن مۇشۇنداق سەمىمىي بىر ئورۇندا ئۇچراشقانلىقىمىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۇق. ئالدى بىلەن سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر نەجمىدىن ئەرباكان ئۇستازنىڭ ۋە ئىستانبۇل شۆبە باشلىقىمىز سەلمان ئەپەندىلەرنىڭ سالامىنى يەتكۈزىمەن. بىز ھەر زامان ھەر قاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئىكەنلىكىمىزنى خاتىرىلىتىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمغا قاتناشتۇق."

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. مۇراسىمدا يەنە، ۋەتەنپەرۋەر پائالىيەتچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالدى ‏- كەينىدىكى ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۆتكەن ھەپتە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. 11 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنى يەنە مەركىزى تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قەيسىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئەجدادلىرىمىز ئۆمىرى قىسقا بولسىمۇ، ئىككى قېتىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوخشاش ئىمان ۋە ئوخشاش پىكىر بىلەن ياشاۋاتىمىز."

سيىت تۇمتۈرك سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ھازىرقى كوممۇنىست خىتاي رىجىمىدىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتكۈل شەرقىي تۈركسىتان تۈركلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە غايىىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۇپ مۇنداق دېدى: "بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن 1933 ‏- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 ‏- يىلى غۇلجىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى، بۇ دۆلەتلەرنى قۇرۇش يولىدا جانلىرىنى ۋە قانلىرىنى ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق يولىدا پىدا قىلغان پۈتكۈل شېھىدلىرىمىزنى ئەسلەيمىز، ئاللاھتىن ئۇلارغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمىز. بۈگۈن مۇستەقىللىق ئەقىدىمىز قەلبىمىزدە تېخىمۇ مۇستەھكەملەشتى. بىر كۈنى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلىدىتىمىز."

بۇ ھەقتە بىز شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.