سانفرانسىسكو شەھىرىدە 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

RFA
سانفرانسىسكودىكى مەزكۇر نامايىشنى تەشكىللەشكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سانفرانسىسكودىكى ۋەكىللىرى كۆپ كۈچ چىقارغان ھەمدە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئائىلىلىرى نامايىشقا قاتناشقان. نامايىشچىلار لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق شوئارلىرىنى توۋلىغان.
كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سانفرانسىسكو ۋە لوس ئانجېلىس شەھەرلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر كۆپ جايلاشقان شەھەرلەر ھېسابلىنىدۇ.