كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ئائىلىلىرىدىن سىر تۇتۇلماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.25
2010.06.25

www.phnompenhpost.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
بۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ۋە ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يەنى ئۇلارنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇنلارنىڭ تېگىشلىك قانۇنىي ھەقلىرىگە ساھىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن.
يېقىنقى ئىگىلەشلىرىمىزدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 20 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە، ھازىرغا قەدەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. ئائىلىلەر پەرزەنتلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى پەقەت كوچا خەۋەرلىرىدىن ئاڭلىغان.
بىز بۈگۈن كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ئىبراھىم ئىسلامنىڭ دادىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.
بۇ مەلۇماتتىن قارىغاندا، كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇش ھەققىنىڭ ئەسلا بولمىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا دۇنيانى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.