كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
2012.09.12
خىتاي دۇنيادىكى ئېنتېرنېتنىڭ ئەركىن ئىشلىتىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،خىتايدا ئىنتېرنېت داۋاملىق ھالدا دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ئىنتېرنېت ئابۇنتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى قايسى تور بەت ۋە كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىشىۋاتقانلىقى، قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئىنتېرنېت جاسۇسلۇق پروگراممىلىرى ئارقىلىق خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن رازۋېتكا قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇنگوڭ قاتارلىق خىتايغا قارشى دېموكراتىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە قارىتا ئوغرىلىق ۋە جاسۇسلۇق قىلىش، ھەتتا بۇزۇۋېتىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنە ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى چەتئەللەردە چىقىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان داۋا ئاكتىپلىرى بىلەن ئېلخەت ئالاقىسى قىلغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم.
خىتاينىڭ بۇ خىل ئىنتېرنېت جاسۇسلىقىغا قارىتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىگى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېقىندا كانادادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى شىركىتى ھېسابلانغان سايفون شىركىتىنىڭ خادىمى كارلا جايمېس خانىمنى تەكلىپ قىلىپ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت پايلاقچىلىقىدىن تەل - تۆكۈس قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە لېكسىيە بەردى.
شۇ كۈنكى لېكسىيىدە كارلا خانىم خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئابۇنتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كۈرەش ۋە خەتەرلەر، خىتاي يولغا قويۇۋاتقان ئىنتېرنېت توساقلىرى ۋە ئۇنى قانداق يىمىرىپ تاشلاش قاتارلىق 30 غا يېقىن مەزمۇن بويىچە ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك بىلىمى بەردى.
كارلا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە سايفون شىركىتى بازارغا سالغان سايفون2 ۋە سايفون3 ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك پروگراممىسى، خىتاي ۋە ئىران قاتارلىق ئىنتېرنېتنى ھۆكۈمەتلەر ئىدارە قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى ئىنتېرنېت قاماللىرىنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى ئەڭ ئىلغار بىخەتەرلىك پروگراممىسى ئىكەن.
بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان سايفون2 تور بەت بىخەتەرلىكى سايفون 3 ئېلخەت ۋە پروگرامما چۈشۈرۈش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ پروگراممىلارنى ئىشلەتكەندە خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان، تىبەت، رابىيە قادىر قاتارلىق ئىبارىلەرنى سۈزۈۋېىش, IP ئادرېسلارنى تاقىۋېلىش قاتارلىق ھەر خىل قامال قىلىشلىرى شۇنداقلا بۇزۇشلارغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان شۇ كۈنكى ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى بويىچە تەربىيىلەش لېكسىيىسىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار كارلا خانىمدىن، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىدا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆپلەپ سوئال سورىدى.
ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەشنىڭ نۆۋەتتىكى تەخىرسىزلىكى ھەققىدە توختالغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموف ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىموف كارلا خانىمغا ئۇيغۇر دوپپىسى، ئۇيغۇر يىپەك ئەتلەس شارپىسى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان«ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال» ناملىق كىتابنى سوۋغا قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بۇ قېتىمقى لېكسىيە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېتى قاتارلىق ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى بۇزۇشقا ھەرىكەت قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا سايفۇن شىركىتىنىڭ خادىمى كارلا خانىم بۇ يىل ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىغىمۇ مەخسۇس بېرىپ ئۇيغۇرلارغا خىتاينىڭ ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى ۋە توساقلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس دەرس بەرگەن ئىكەن. بۇ كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك بىلىملىرى بويىچە تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق يۇقىرى سەۋىيىدە تەربىيىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئۇلۇنۇشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.