كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر: لىۋىيە تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلدى

كازافىينىڭ ئۆلۈمى بىلەن 42 يىل ھۆكۈم سۈرگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ، لىۋىيە تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2011.10.21
kazafiy-oldi-305.jpg كازافىينىڭ جەسىتىنى يانفوندا تارتقان رەسىم. 2011-يىلى 20-ئۆكتەبىر، مىسراتا.
AFP

پەيشەنبە كۈنى لىۋىيە دىكتاتورى موئەممەر كازافىي ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كازافىينىڭ ئۆلۈمى بىلەن 42 يىل ھۆكۈم سۈرگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ، لىۋىيە تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە كانادانىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مارت ئېيىدا، ئەرەب دۇنياسىدا پارتلىغان ئىسيانلارنىڭ تەسىرى بىلەن لىۋىيىدە مۇستەبىت كازافىي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى پارتلىغانىدى. كازافىينىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئۆز خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ناتو غا يەنى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا لىۋىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقۇقى بەرگەنىدى.

لىۋىيىدە خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» قۇرۇلغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرگە لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ رايونغا 655  نەپەر ھەربىي خادىمنى بىلەن كۈرەشچى ۋە چارلىغۇچى ئايروپىلان ھەمدە ھەربىي پاراخوتلارنى ئەۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ كازافىي ئارمىيىسىگە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە كانادالىق گېنېرال چارلېز بوچارد قوماندانلىق قىلغانىدى.

كازافىينىڭ 42 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتى تۇنىس بىلەن مىسىردا يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش «ئەرەب باھارى» بىلەن زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. ئەمما بىن ئېلى ۋە مۇبارەكلەرنىڭ ئەكسىچە، كازافىي چېكىنىش يولىنى ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش قىلىش يولىنى تاللىدى. لىۋىيىنى قانلىق بىر ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. ئاخىرى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، ئىسيانچىلارنىڭ قولىغا چۈشتى ۋە قانلىق شەكىلدە ئۆلتۈرۈلدى.

ستېفېن خارپېر ئەركىنلىك- ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن لىۋىيە خەلقىنىڭ گۈزەل كۈنلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:كازافىي ئۆلدى، تۈگىدى. ئەمدى ئۇ ھەرگىزمۇ تېررورىزمغا مەدەت بېرەلمەيدۇ ۋە ئۆز خەلقىنى قىرغىن قىلالمايدۇ. لىۋىيە خەلقىگە يېڭى بىر كۈن قۇچاق ئاچىدۇ ۋە ئۇلار ھۆر-ئەركىن ياشايدۇ، دېدى.

ستېفېن خارپېر بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەركىنلىك- ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان خەلقنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: لىۋىيە خەلقى ئۆزى ئىشەنگەن ئەركىنلىك ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىگە  مەدەت بېرىش ھەممىمىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىدۇر، دېگەنىدى.

ستېفېن خارپېر سۆزىدە يەنە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى تەركىبىدە كانادانىڭ لىۋىيە ھەربىي ھەرىكىتىدىكى رولىدىن غۇرۇر ھېس قىلىدىغانلىقىنى، كانادا ئارمىيىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، كۆپلىگەن بىگۇناھ خەلقنى كازافىينىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قوغداپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ستېفېن خارپېر  كازافىي قىسىملىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ئۈچۈن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىگە قوماندانلىق قىلغان كانادالىق گېنېرال چارلېز بوچاردنىڭ خىزمىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كانادا ھۆكۈمىتى لىۋىيە مىللىي ۋاقىتلىق كومىتېتىغا قىرغۇچى قوراللارنى يوق قىلىش ۋە لىۋىيىدە دېموكراتىيىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن 10 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنىدى.

بېيجىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل ئاپاق-چاپاق ئۆتكەن كازافىي، بۇ يىلقى ئەرەب باھارى ئىسيانىدا ئۆلتۈرۈلگەن تۇنجى مۇستەبىت بولدى. كازافىينىڭ پاجىئەسى 1989-يىلى  بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندىن كېيىن، ئاغدۇرۇلغان رۇمىنىيە سابىق  كوممۇنىست دىكتاتورى چاۋۇسېسكونىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىراق دىكتاتورى ساددام ھۈسەيىن بولسا، 2003-يىلى ئامېرىكا ئىراقنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دارغا ئېسىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.