كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا كېلىپ يەرلىشىشكە باشلىغىنىغا قىسقىغىنە 7-8 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما 1-ئۆكتەبىر ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان كۈنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىش قاتارلىق نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.

بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى تورونتودا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىللاردىكىگە ئوخشاشلا، تورونتودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، كانادا خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى،بۈگۈنكى كۈننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋەتىنى مۇستەملىكە قىلىنغان مۇسىبەت كۈنى ئىكەنلىكىنى جاراڭلىق شوئارلىرى بىلەن ئاڭلاتتى.
ئۇلار، خىتاي ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەت، قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى توختات، شىنجاڭ ئەمەس، شەرقى تۈركىستان دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.