كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جېيسون كېننىي ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

كانادانىڭ مەدەنىيەت ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جايسون كېننىي ئەپەندى 26 - سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تورونتودىكى ئاناتولىيە ئىسلام مەركىزىدە، تورونتودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كانادا پۇقرالىقىدىكى تۈركىي مىللەتلىرى ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﺸﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ
2009.09.28
Kanada-Medeniyet-ministiri-Rabiye-xanim-bilen-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 13 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺟﯧﻴﺴﻮﻥ ﻛﯧﻨﻨﯩﻲ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﯞﻩ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.jasonkenney.ca/EN ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم يىغىنغا قاتنىشىپ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئەھۋالى ھەققىدە مىنىستىر جايسون كېننىي ئەپەندىگە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.