خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىسى جاڭ جۇنسەي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دىپلوماتىك بولمىغان قوپال ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى

شەنبە كۈنى، خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ جۇنسەي كانادا دۆلەتلىك رادىئو قانىلى ك ب ك نىڭ مۇخبىرى ئەۋان سالموننىڭ خىتاي 18-قۇرۇلتىيى، خىتاي-كانادا سودا مۇناسىۋەتلىرى شۇنداقلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكىگە ئائىت بىر قاتار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2012.11.21
hua-wei-xua-wey-shirkiti.jpg خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى نەنجىڭ شۆبىسى. 2011-يىلى 5-سېنتەبىر، نەنجىڭ.
Imaginechina

سوئال: خىتاي شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالغان شىركەتلەر ھەققىدە سورۇلۇپ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكىدا تىجارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى شۇنداقلا، ئاۋسترالىيىنىڭمۇ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى رەت قىلغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا،خىتاي باش ئەلچىسى جاڭ جۇنسەي قايناپ كەتتى ۋە دىپلوماتىك بولمىغان ئىنتايىن قوپال كوچا تىلى بىلەن: «ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە پاكىتى بولسا بىزگە كۆرسەتسۇن، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئېغزىنى يۇمسۇن» دېدى.

سوئال: خىتاينىڭ كانادادىكى نېكسون نېفىت شىركىتىنى سېتىۋالماقچى بولغانلىقى، ئەمما ھارپېر كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە قايتا بىر قاراپ چىقىۋاتقانلىقى، كانادا خەلقىنىڭ بۇنداق بىر چوڭ سودىدا، كانادانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالغاندا،جاڭ جۇنسەي يەنە قوپاللىق بىلەن: «بىز كانادانىڭ يەر ئاستى بايلىقىنى بۇلىۋالمىدۇق، پەقەت ھەمكارلىشىۋاتىمىز. خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، خىتاي پەقەت كانادا بىلەنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەتكە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ ۋە شۇ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىۋاتىدۇ. بايلىق تېخى كانادادا تۇرۇپتۇ، خىتايغا توشۇلۇپ كەتكىنى يوق» دېدى.

باش ئەلچى جاڭ جۇنسەي يەنە، خىتاي خەلقىنىڭ ئالدىنقى 30 يىلدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە ئىنتايىن باي، باياشات ياشاۋاتقانلىقى، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش شۇنداقلا پاراۋانلىق جەھەتلەردە ھېچقانداق ئەندىشىسى يوقلۇقى، خىتاي خەلقىنىڭ ھازىرقى ھاياتتىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالغاندا، مۇخبىر ئەۋان سالمون، بۇ باياشاتچىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ دەپ سورىدى. بۇ سوئالغا جاڭ جۇنسەي مۇنداق جاۋاب بېرىپ: «غەرب دېگەن غەرب، شەرق دېگەن شەرق، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس دېموكراتىيىمىز بار. بىز غەربنىڭ دېموكراتىيىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كەلمەيمىز. ئەگەر خىتايدا دېموكراتىيە بولمىغان بولسا، خىتاي خەلقى بۇنداق مەمنۇنىيەت ئىچىدە ياشىمىغان بولاتتى» دېدى.

باش ئەلچى جاڭ جۇنسەي يەنە، خىتاينىڭ كاناداغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، كانادا نېكسون شىركىتىنى خىتاينىڭ 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋېلىشىغا، كانادا خەلقى ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.

كانادادا ئېلىپ بېرىلغان، خىتاينىڭ كاناداغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەبلەغ سېلىشى ھەققىدىكى راي سىناشلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن كانادالىق خىتاينىڭ كاناداغا چوڭقۇرلاپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان دىكتاتور بىر دۆلەت بولغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇچۇر ئوغرىلىقى ۋە ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش باھانىسىدە كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ جايلارغا قورال يۆتكىگەنلىكى ھەمدە تېررورچىلارنى يەڭ ئىچىدە قوللىغانلىقى قاتارلىقلار ئىكەن.

كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، كانادا دۆلەت تارماقلىرى ۋە سودا ساھەسىنى خىتاينىڭ ئۇچۇر جاسۇسلۇقىدىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان ئىدى. شۇنداقلا يېقىندا كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى راي بويسىۋىرت ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «كانادالىقلار خىتايدىن كېلىدىغان ئۇچۇر جاسۇسلۇقى خەۋپىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشى كېرەك. خىتايدىن كېلىدىغان ئۇچۇر جاسۇسلۇقى خەۋپى خۇددى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكىدەك جىددىي ھالەتتە» دېگەن.

جاڭ جۇنسەي زىيارەت ئاخىرىدا، «ئامېرىكا ۋە كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنى جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلەش، سوغۇق ئۇرۇش سەپسەتىسى» دېيىش ئارقىلىق كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى چىقارغان قارارلارنى يوققا چىقارماقچى بولغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.