كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن ئانا تىل سىنىپى ئېچىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشىگە چەكلىمە قويۇپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە،قوش تىل مائارىپى دەپ ئاتىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتقىنىغا 10 يىلغا يېقىن بىر ۋاقىت بولۇپ قالدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش مەقسەت قىلىنغان مائارىپ سىستېمىسىنى ئىزچىل ئاقلاپ بۇنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەقەززاسىغا ماسلىشالماي قالغانلىقىدىن بولدى دەپ چۈشەندۈرۈپ كەلمەكتە.

ئەمما، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئانا تىلنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي بارلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغىنىغا 10 يىلچە ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئائىلىدە ئانا تىل تەربىيىسىنى ھېچقاچان بوشاشتۇرۇپ قويمىدى.

چەتئەللەردە ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تەقەززا كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى،ئۇيغۇر تىلى سىنىپلىرىنى ئېچىش يولىغا باشلاپ كىردى. يېقىندا تورونتودىكى تۈركلەر ئاچقان ئاناتولىيە جامەسىدە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل سىنىپى تەسىس قىلىندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.