تىبەتلەرنىڭ بەنچەن لامادىن كېيىنكى روھانىي رەھبىرى كارماپا لاما خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن سوراق قىلىندى

تىبەت بۇددىزىمىدا دالاي لاما بىلەن بەنچەن لامادىن قالسا 3‏- ئورۇندىكى تىبەت روھانىي رەھبىرى كارماپا لامانىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر خەۋەرلەر مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنى جىددىي دېلىغۇللۇققا چۈشۈرۈپ قويدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.02.02
karmapa-lama-305.jpg تىبەتلەرنىڭ بەنچەن لامادىن كېيىنكى روھانىي رەھبىرى كارماپا لاما. 2007-يىلى 27-ئۆكتەبىر.
en.wikipedia.org
كارماپا لاما ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى، ھەم دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان بىردىن-بىر روھانىي رەھبەر ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ، دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە خىتاي دائىرىلىرىنى ناھايىتى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. نۆۋەتتە ئۇ، ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. لېكىن، چارشەنبە كۈنى نەچچە مىڭ تىبەتلىك بۇددىست دارامسالادا نامايىش قىلىپ، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى كارماپا لامانىڭ دارامسالادىكى گيوتو ئىبادەتخانىسىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر مىليون 100 مىڭ يۈەن خىتاي خەلق پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە تۈرلۈك چەتئەل پۇلىنى تاپقان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە كارماپا لامانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسى بىر يېرىم مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، بۇ ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىدە كارماپا لامانىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر بەزى گۇمانلارنى قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر كارماپا لامانى ئىككى قېتىم سوراق قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىدىن بىر لامانىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. كارماپا لاما ئۇنىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ بېسىمىدا چارشەنبە كۈنى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇخلىسلىرىغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل ۋاقىتقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ۋاقىت ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 25 ياشلاردىكى كارماپا لاما 1999‏-يىلى 14 يېشىدا ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ، دارامسالادىكى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سۈرگۈندىكى سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ سېپىگە قوشۇلغان ئىدى. كارماپا لاما چارشەنبە كۈنى دارامسالادىكى ئىبادەتخانىسىدا مۇخلىسلىرىغا سۆزلىگەن سۆزىدە " بىز ھازىر ئېغىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ھەتتا دالاي لاما ھەزرەتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان بۇ ئەھۋالنى خاتا چۈشەنچە ۋە سەۋەنلىك كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھىندىستان ئەركىن ۋە قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان دۆلەت. بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى خىتايغا ئوخشىمايدۇ. مەن مەسىلىنىڭ ۋاقىت بىلەن ئايدىڭلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەندىشە قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق" دېگەن. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ۋەقە كارماپا لامانىڭ مۇھاجىر تىبەتلەر ئارىسىدىكى ئابرۇيىغا جىددىي كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ، تىبەت مۇھاجىرلىرىدا دىنىي رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن ئارىسالدىلىق پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، چۈنكى كارماپا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ئېتىراپ قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك لاما ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ۋەقە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە دالاي لامانى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋە دالاي لاما كارماپانى ئاقلاپ، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان پۇلنىڭ زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دالاي لاما سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، بۇ ۋەقەگە ھازىرچە بىر نېمە دېيىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىبادەتخانىدىن تېپىلغان پۇل زىيارەتچىلەرنىڭ ئىئانىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ‏ئۇ، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "بۇنىڭغا ھازىرغىچە بىر نېمە دېيىش بالدۇرلۇق قىلىدۇ. لېكىن، شۇنداقتىمۇ كارماپا ناھايىتى مۇھىم لامالارنىڭ بىرى، بولۇپمۇ ئۇ بىر دىنىي رەھبەر. نورمالدا دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلار جۈملىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كېلىپ ھال سورايدىغانلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇل ئىئانە قىلىدىغانلارمۇ چىقىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە، ئۇنىڭ خاتالىقى ئۇ بۇ پۇللارنى ئامانەت قويۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر بۇ ئىئانىلەرنىڭ ھەممىسى ئامانەتكە قويۇلغان بولسا، مېنىڭچە ھېچقانداق مەسىلە چىقمايتتى. لېكىن، ئۇنداق قىلىنمىغاندەك قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كارماپا لاما ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىگە بۇ پۇلنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىئانە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭغا يەر سېتىۋېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، ھىندىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كارماپا لاما ۋە ئۇنىڭ دارامسالا شەھەر سىرتىدىكى ئىبادەتخانىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى ئۇنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى. كارماپا لاما ئەسلى سىككىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى بىر مەشھۇر بۇددا ئىبادەتخانىسىدا دىنىي مۇراسىمغا قاتناشماقچى ئىدى. لېكىن، ئۇ ۋەقەنىڭ سۈرۈشتۈرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك سىككىمدا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە بۇ دارامسالادىكى كارماپا لامانىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار چارشەنبە كۈنى نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزگەن.

لېكىن، ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارماپا لامانىڭ ئىبادەتخانىسىدىن پۇل تېپىلىشى، ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا خىتاي تىبەت-ھىندىستان چېگراسىدىكى تىبەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتامدۇ، دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان. لېكىن، سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسى پېنپا سېرىڭ ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كارماپا لامانى ئاقلىدى. ئۇ " كارماپا لاما يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر لاما. ئۇنىڭ دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىدا جۈملىدىن تىبەتنىڭ ئىچىدە ئەگەشكۈچىلىرى بار. شۇڭا كىشىلەر تىبەتتىن ھىندىستانغا كېلىپ ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلىدىغانلار بار" دەپ كۆرسەتتى.

كارماپا لاما دالاي لاما ۋە شۇنداقلا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بىردىن-بىر تىبەت روھانىي رەھبىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندى مەتبۇئاتلىرىدىكى كارماپا لامانىڭ خىتاي جاسۇسى بولۇش ئېھتىماللىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كارماپا لامانىڭ خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ جىتاۋ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى كارماپا لامانىڭ خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەر ھىندىستاننىڭ خىتايغا نىسبەتەن گۇمانخور پوزىتسىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە، 17-كارماپا لامانىڭ خىتاي تىبەتنى قوشۇۋالغان 1951‏-يىلدىن بېرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى ھايات بۇددا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارماپا لاماغا بېسىم ئىشلىتىپ، دالاي لامانى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ خىتاينى تاشلاپ، 1999‏-يىلى ھىندىستانغا قېچىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.