كەلكۈن ئاپەتلىرى دېھقان، چارۋىچىلارغا زور زىيان سالماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﮭﺮﻩ
2010.08.03
2010.08.03
AFP Photo
بىر ھەپتىدىن بۇيان ھەرقايسى خەۋەر تور بەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى كەلكۈن ئاپەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەر ھەم ئۇچۇرلار ئىگىلەپ كەلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈن ئاپەتلىرى ھەققىدە ئاۋغۇست كىرگەن مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 58 شەھەر ھەم ناھىيىلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدە، قەشقەرنىڭ مارالبېشى، پەيزىۋات ناھىيىلىرىدە ۋە يەنە ساۋەن ناھىيىسى، ماناس ناھىيىلىرىدە، بولۇپمۇ تاغلىق رايونلاردا ۋە بۇ رايونلارغا يېقىن كەنت - يېزىلاردا ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا ئىكەن.
بۇ يىل ياز كىرگەندىن بۇيان ئۇزۇن داۋاملاشقان ھۆل - يېغىن سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كەلكۈن ئاپەتلىرىدە، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىۋاستە ئاپەتكە ئۇچرىغان. ئاقتۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە - 2 ئاۋغۇستقىچە 6 ئادەم ئۆلگەن، 10دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن يەنە ئىككى كىشىنىڭ ھازىرغىچە ئىز - دېرىكى بولمىغان.
كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈشى، ئېتىز - قىرلارنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيان بەكمۇ ئېغىر بولۇپ دائىرىلەر داۋاملىق ستاتىستىكا قىلماقتا ئىكەن.
بىز بۇ ئاپەتلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئومۇمىي زىيان ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
ئاپەتتە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش، ئۆي ئۆزۈلۈشكە ئوخشاش ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كۆرۈلگەن ئاپەت رايونلىرىدىن ئاقتۇنىڭ تاغلىق كەنتلىرىگە تېلېفون ئالدۇق، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىكىدەك ئاپەتتىكى خەلقنى تېز ئارىدا قۇتقۇزغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ھالبۇكى تاغلىق كەنتتىكى بىر قىرغىز ئايال كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشقان تۆت كۈندىن بۇيان ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، خەلقنىڭ قىيىن كۈنلەردە ئۆز - ئارا ياردەملىشىپ ئاپەتتىن ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاقتۇنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر دېھقان ئاپەتنىڭ دائىرىسىنىڭ خەۋەرلەردە ئېيتىلىۋاتقاندىنمۇ زور ئىكەنلىكىنى، قەشقەرنىڭ بەزى ناھىيىلىرىدىمۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ھەم ئېتىزلىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى :
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەھكىمە تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، - 28 ئىيۇلدىن باشلاپ ئاقسۇ ۋىلايەت تەۋەسىدە ياققان قاتتىق يامغۇر بىلەن كۇچا، باي، ئونسۇ، كەلپىن ناھىيىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۈز بېرىۋاتقان كەلكۈن ئاپەتلىرىدە، تاش يول، ئېلېكتىر سىم يوللىرى، تۇرالغۇ ئۆيلەر، ئېتىزلار ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىغان. مەزكۇر توردا يەنە، كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ئېغىر كەلكۈندە قاپسىلىپ قالغان 1081 نەپەر كىشىنى ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق قىسىم ھەربىي رايوننىڭ تىك ئۇچارلىرى بىلەن كېلىپ، يۆتكەپ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى يازغان. بىز كۇچادىكى كەلكۈن ئاپەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تىك ئۇچارلار بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ كۆپ ساندىكىسىنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلار ھەم ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى:
بۈگۈن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كەلكۈن ئاپەتلىرى تېخى پۈتۈنلەي تىزگىنلىنىپ بولالمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە كۇچا دەرياسى سۇ يۈزى ئېگىزلىكى ھەم ئېقىم مىقدارى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. بۇ خىل ئەھۋاللار كەلكۈن ئاپىتى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىدىن شەپە بەرمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.