بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى مىللىي كەمسىتىش (1)

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ئېلىپ كېلىنىۋاتقان، يېتىم قالغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى خىتايچىغا ئۆزگەرتىش، ئۇلارغا چوشقا گۆشى قاتارلىق مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش، ئاتا - ئانىسى بولۇپمۇ سىياسى سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە كىرىپ كېتىپ، يېتىم قالغان بالىلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتقانلىغى ھەققىدە ئىنكاسلار مەيدانغا چىقماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.04.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
KochidikiBalilar-200.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ.
RFA Photo

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى، ئەسلىدىكى " ئۈرۈمچى دارىلتام " ( 1947 - يىلى قۇرۇلغان ) ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 1985 - يىلغىچە ساناتورىيە نامىدا ئىگە - چاقىسىز قالغان قېرىلار، يېتىم بالىلار، ۋە نېرۋا كېسەللەرگە خىزمەت قىلىپ كەلگەن. 1985 - يىلى ساناتورىيىنىڭ ئىسمى " ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنى" دەپ ئۆزگەرتىلگەن.

ھازىر بۇ ئورۇن يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيىسىگە ھەم خەلقتىن كەلگەن ئىئانە پۇلغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئىگە - چاقىسىز قالغان يېتىم بالىلار، ۋە زېھنى ئاجىز بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

مەزكۇر بالىلار پاراۋانلىق ئورنى ئۈرۈمچىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمىدىكى، دىيوپو يېزىسىنىڭ كىچىك دىيوپۇ كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان بۇ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ 67 خىزمەتچىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت 3 ئۇيغۇر، 1 قازاق خىزمەتچى بارلىقى مەلۇم. بۇ يەردە تەخمىنەن 350 ئەتراپىدىكى يېتىم بالىلار تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېتىم بالىلارنىڭ ئىچىدە ئاران 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بالا، ئۇلار ئومۇمى يېتىم بالىلار سانىنىڭ تەخمىنەن 10% نى ئىگىلەيدۇ.
 
بۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئاتا - ئانىسى ھەر خىل سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن سىياسىي جىنايەتچىلەر ۋە ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كېتىپ بېقىمسىز قالغان يېتىم بالىلار بولۇپ، بۇ بالىلار بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسىم فامىلىسى مەجبۇرى خىتايچە ئىسىمغا ئۆزگەرتىلىش،چوشقا گۆشى قاتارلىق مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش، خىتاي ئائىلىلىرىگە بالا قىلىپ بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلىش، بويسۇنمىغانلار ئېغىر تەن جازاسى ۋە روھى جازاغا ئۇچراش قاتارلىق جازالارغا ئۇچراپ، ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىغى ھەققىدە جەمىيەتتە تۇرلۇك ئىنكاسلار مەيدانغا كەلمەكتە.

ئىلگىرى بۇ ئورۇندا 10 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان، مۇتەللىپ ئەپەندى بىلەن ئامانگۈل خانىم، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى يولۇقۇۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە ئىنكاس قىلدى.

مۇتەللىپ ئەپەندى ۋە ئامانگۇل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ ئورۇنغا كىرگەن كۈنىدىن باشلاپ، ئىسىمىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە ئىسىم فامىلىغا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ بالىلار ئۈچۈن يېڭىدىن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، بۇ بالىلارنى خىتايچە ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

مۇتەللىپ ئەپەندى ۋە ئامانگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئورۇن قۇرۇلۇپ 1998 - يىلغىچە بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن يېتىم بالىلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا مەلۇم دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن 1995 - يىلى زۇ يەن چىڭ ئىسىملىك خىتاي باشلىق كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يېتىم بالىلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچراشقا باشلىغان.
 
بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئاتا - ئانىلىرى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالانغانلارنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان. ئامانگۇل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار "سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ بالىلىرى" بولغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى باشقا ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن بىللە ئوينىشى، بىللە غىزالىنىشىغا يول قويۇلمىغان، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تەربىيىچىلەر بىلەن ئۇچرىشىشى، سۆزلىشىشى قاتتىق چەكلەنگەن.

ھەتتا بالىلارغا چوشقا گۆشىگە ئوخشاش مۇسۇلمانچە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى مەجبۇرى يېگۈزۈش، بويسۇنمىغان بالىلارنى يالغۇز ئۆيگە سولاپ قويۇش، ھەتتا ئاچ قويۇش قاتارلىق جازالار بىلەن جازالاپ، بۇ بالىلارنىڭ روھىيىتى ۋە جىسمانىيىتىگە ئېغىر زەربە بېرىلگەن.

مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە ئوغۇل بالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان خەتنىسىنى قىلىش قاتارلىق مۇسۇلمانلارغا خاس سۈننەتلەرنىڭ ھېچقايسىدىن بەھرىمەن بولالمىغان. بۇ يەردىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانى، ئومۇمى ساننىڭ 10% نى تەشكىل قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بالىلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا بىرمۇ مۇسۇلمان ئاشپەز بولمىغان. بالىلارنىڭ تامىقىغا خىتاي بالىلىرىغا ئوخشاش چوشقا گۆشى قاتارلىقلار ئىشلىتىلگەن.

ئامانگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتتايلارغا بالا قىلىۋېلىشقا بېرىۋېتىلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلاردىن بۇ بالىلارنى بېقىۋېلىش تەلىپى قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىدارە خادىمى "بۇ يەردە ئۇيغۇر بالىلىرى يوق " دېگەن جاۋاب بىلەن، بۇ بالىلارنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىنىشقا يول قويمىغان.

ئامانگۇل ۋە مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۇقىرىقىلاردىن باشقا، نۇرگۈل خىتايچە ئىسمى شىنتىئان سوڭ، مېھرىگۈل خىتايچە شىنشۇئى لى، ئەكبەر خىتايچە ئىسمى شىن تاڭ، ئالىم خىتايچە ئىسمى شىنتىئان كۈن قاتارلىق بالىلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىتتايلارغا بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ناھايىتى كىچىك ئېلىپ كېلىنگەچكە ئۇلار ئۆزى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.