سىياسىي مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ جازا مۇددىتى نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشمايدۇ؟ (2)
2012.08.30

ئۇنداقتا، خىتاينىڭ كېرەم ئابدۇۋەلىنى بۇ قەدەر ئېغىز جازالىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى نېمە؟ ئۆچ ئېلىشمۇ؟ بىر دۆلەتنىڭ بىر شەخستە ئۆچ-ئاداۋىتى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇنداقتا، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئۈچ ئېلىۋاتامدۇ؟ ئىقتىسادى جەھەتتىن قەد كۆتۈرگەن بىر دۆلەتنىڭ، ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر مىللەتتە نېمە ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بولسۇن؟ ياكى خىتاي دۆلىتى كېرەم ئابدۇۋەلىدىن قورقۇۋاتامدۇ، بۇ قورقۇش ئۇيغۇر مىللىتىدىنمۇ؟
بىز يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ ئەينى يىللاردىكى دوستى، ساۋاقدىشى ۋە سەپدىشى بولغان، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈرمىسىدە 12 يىل يېتىپ چىققان، نۆۋەتتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي تۈرمىسىدە نامازنىڭ چەكلىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال، ئەمما ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازا تەنقىد قىلىش، قارا كامىرىغا سولاش قاتارلىقلاردۇر؛ بەك ئېغىر جازا بېرىلگەندە، جازا مۇددىتىنى بىرقانچە 10 كۈن ئۇزارتىشى مۇمكىن ئەمما، ئايلاپ-يىللاپ جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغان ئەھۋال يوق. ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نامازنى تاشلىمايدۇ. پەقەت يوشۇرۇنچە ئوقۇيدۇ، بۇنى خىتاي گۇندىپايلىرىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ ئۇزارتما سوت ھۆكۈمىدىكى ئۇنى ناماز ئوقۇشنى توختاتمىدى دېگىنى ئۇزارتىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئەمەس.
مەزكۇر سوت ھۆكۈمىدە، ئاچلىق ئېلان قىلىش، تۈرمىنىڭ قائىدىسىنى يادلىماسلىق قاتارلىقلارمۇ جىنايى پاكىت سانالغان. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇنداق ئەھۋاللارنىڭمۇ تۈرمىدە داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھېچقاچان 12 يىللىق ئۇزارتىشقا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقىنى، كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ خەلق ئىچىدىكى نوپۇزى. كېرەم ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ۋە دىنىي، مىللىي تەلىم تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتچى مەزگىلىدە بولسۇن، چوڭقۇر دىنىي مەلۇماتى، ئەخلاقىي جەھەتتىكى ساپلىقى، كېلىشكەن تەقى-تۇرقى، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىكى ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن ئەل-جامائەت ئىچىدە ھۆرمەت تاپقان. ئۇ تەبلىغلىرىدە، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىكنى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەر دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى، ئۇنىڭ يۈزلىگەن ساۋاقداشلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەشۋىق قىلغان.
سوت ھۆكۈمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، كېرەم ئابدۇۋېلى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام ئىسلاھاتچىلار پارتىيىسىنىڭ نىزامنامە ۋە چاقىرىقلىرىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە قوزغاتقۇچ رول ئوينىغانلىقىنى، بۇ رولنىڭ ھېلىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، خىتاينىڭ كېرەم ئابدۇۋەلىدىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى دەل مۇشۇ نۇقتىدا دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ، خىتاينىڭ ئۆزىگە كېلىدىغان تەھدىتنى كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ تەسىرىدىن، شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ چاقىرىقلىرىدىن، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىدىن كۆرمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىجرائاتلىرىدىن، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن كۆرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدا مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋېلىنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاخىرلاشمايۋاتقانلىقى ھەققىدە، ئۇنىڭ سەپدىشى ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىكى ئاۋاز خاتىرىسىدىن ئاڭلىغايسىلەر.