مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سوت ھۆكۈمنامىسىنى ئائىلىسىدىن ئېلىپ ئوقۇغان كىشى 3 يىل قاماقتا ياتقان

(بىر مەھبۇسنىڭ خاتىرىسىدىن: «قانۇنى يوق دۆلەتنىڭ ئالىي پۇقراسى بولغۇچە. قانۇنى بار دۆلەتنىڭ مال-چارۋىسى بولۇش ئەلادۇر»)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىش ۋە خالىغانچە جازالاش ۋەقەلىرىنىڭ رايونغا نىسبەتەن ئومۇمى بىر ئەھۋال ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالغاندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرىدا كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن ئىدى؛ بۇنىڭ كونكرېت پاكىتلىرى رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئەھۋال ئىگىلەشلىرى داۋامىدا كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىماقتا ۋە ئاشكارىلانماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە نۆۋەتتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بىر سابىق مەھبۇس، ئەينى يىللاردا مەشھۇر سىياسىي مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ نىڭ سوت ھۆكۈمىنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇچ يىل قاماقتا ياتقان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ مەزكۇر مەھبۇستا قالدۇرغان تەسىرى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.