كىلىمات ئۆزگىرىشى پۈتۈن دۇنيادا چوشقا زۇكامىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈردى

چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ستاتىستىكىلىق يېڭى مەلۇمات ھەم خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە چوشقا زۇكام پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يەنىمۇ تېز سۈرئەتتە تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىمۇ چوشقا زۇكامىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.09.17
Choshqa-zukami-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 26 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ، ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﯩﺪﺍ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻕ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺗﭽﻰ، ﻣﺎﺳﻜﺎ ﺗﺎﻗﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمدارلار كۆپەيمەكتە

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوشقا زۇكام تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە 16 - سېنتەبىر ئاشكارىلانغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا زۇكام ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىدا يەنە ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، 15 - سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى 17 گىچە بولغان ۋاقىتقا قەدەر، قارامايدا يەنە ئۈچ نەپەر، مايتاغدا ئۈچ نەپەر يۇقۇمدارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 63 نەپەرگە يەتكەن. يۇقۇمدارلار ئىچىدە ئۆلگەنلەر مەلۇم بولمىغان.

ئۈرۈمچىدە 5 - سېنتەبىر مەلۇم بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ چوشقا زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى كۆرۈلگەن يۇقۇمدار ھېسابلىنىدۇ، ئىككى كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۈرۈمچىدە چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ 43 يېتىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئامما ھەم مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ چوشقا زۇكامىغا نىسبەتەن سەزگۈرلۈكى بىردىنلا ئاشتى.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ 14 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ 60 قا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ 51 نىڭ ئۈرۈمچىدە قالغانلىرىنىڭ قارىماي ھەمدە مايتاغدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلار سانىدا ئۆزگىرىش بولمىغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىلاردا كۆزىتىلىۋاتقانلار سانى 1549 نەپەرگە يەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە نازارىتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان يۇقۇمدارلارنىڭ كۆپىنچىسى باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، قارىماي ھەم مايتاغدا يېڭىدىن دىئاگنوز قويۇلغانلارنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. ئەمما دائىرىلەر يۇقۇمدارلارنىڭ يېشى ۋە مىللەت ئايرىمىسىنى ئاشكارىلىمىدى.

خىتاي دائىرىلىرى چوشقا زۇكام تارقالغانلىق سەۋەبى بىلەن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە دەرس توختاتقان ئىدى. مەكتەپلەر بۇ ھەپتە قايتا دەرس باشلىغان بولۇپ، مەكتەپلەردە چوشقا زۇكام ۋاكسىنىسى قىلىش جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى كۈز پەسلىدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى، چوشقا زۇكام ۋىروسىنىڭمۇ بىرلىكتە پەسىللىك تارقىلىشنى قوزغىغان دەپ پەرەز قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي بويىچە يۇقۇمدارلار 10 مىڭدىن ئاشتى

خىتايدىكى چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدە ئاشكارىلانغان مەلۇماتلاتلارغا قارىغاندا، چوشقا زۇكام ۋىرۇسى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ خىتايدا يەنىمۇ تېز تارقىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاۋغۇستتىن سىنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرى خىتايدىكى 31 ئۆلكە ھەم شەھەرلەردە بايقالغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16 - سىنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي بويىچە ئېنىقلانغان چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى ئون مىڭ 221 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 6098 نەپىرى داۋالاپ ساقايتىلغان. چوشقا زۇكام سەۋەبلىك ئۆلگەنلەر كۆرۈلمىگەن.

خىتايدا جەمئىي 36 مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چوشقا زۇكام تارقاپ، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن مەكتەپلەر دەرس توختاتقان.

خىتايدىكى مېترولوگىيە ۋە سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، "خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى نۆۋەتتە پەسىل ئالمىشىش مەزگىلىدە بولۇپ، بولۇپمۇ ھاۋا تېمپراتورىسىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى، كۆپ ھۆل يېغىن قاتارلىق تەبىئىي شارائىت پەسىللىك زۇكام ۋىرۇسلىرىنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ بىلەن بىر ۋاقىتتا،جىددىي تارقىلىشچان چوشقا زۇكامىنىڭمۇ جىددىي يامرىشىغا سەۋەب بولماقتا."

چۈنكى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، چوشقا زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان شارائىت 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ، سېنتەبىر ئايلىرى كۆز پەسلىنىڭ كىرىشى بىلەن نۇرغۇن جايلارنىڭ كېلىماتى چوشقا زۇكام ۋىرۇسنىڭ جانلىنىشىغا شارائىت ياراتماقتا ئىكەن. كۈز ھەم قىش پەسىللىرى ھەر خىل يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسلىرىنىڭمۇ جانلىنىش ۋاقتى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ چوشقا زۇكامىمۇ، باشقا زۇكام ۋىرۇسلىرى بىلەن قوشۇلۇپ پەسىللىك تارقىلىشنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چوشقا زۇكامىغا دائىر 11 - سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتايدا ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ چوشقا زۇكام مۇنداق تۆت تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولۇپ، 1 - خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كۆزىتىلىۋاتقان بىمارلار ئىچىدىن چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەن. 2 - كىشىلەر كۆپ يىغىلغان ئاممىۋى ئورۇنلاردا، بولۇپمۇ مەكتەپلەردە تارقىلىشى جىددىي بولغان. 3 - نوپۇس جەھەتتىن ئالاھىدە چوڭ بولغان شەھەرلەردە چوشقا زۇكام يۇقۇمدارلىرىدا ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. 4 - شەھەرلەردىن يېزىلارغا قاراپ يامراشقا باشلىغان.

چوشقا زۇكام ۋىرۇسى دۇنيادا 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

17 - سېنتەبىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات تارقىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يەنى ھەر قايسى دۆلەت ھەم رايونلاردىكى يۇقۇمدارلىرى سانىدا تېز ھەم جىددىي ئېشىش كۆرۈلۈپ توغرا ستاتىستىكا قىلىشمۇ رىقابەتكە دۇچ كەلگەن.

شۇ سەۋەبلىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى،چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ يۇقۇمدارلارنىڭ ئېشىش سانىنى ئېلان قىلمايدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا چوشقا زۇكام يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە 12 - سېنتەبىر تارقاتقان ئاخىرقى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكام تارقىلىشقا باشلاپ 11 - سىنتەبىرگىچە،مەلۇم بولغان يۇقۇمدارلار 277 مىڭدىن ئاشقان،مەزكۇر ۋىرۇس3205 نەپەر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قىتئەسىدە ئۆلگەنلەر 2467 نەپەر ئىكەن.    ئەمما، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، بۇ ساننىڭ ئەمەلىي يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.