كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتاينى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتى ياۋروپادا مالىيە كرىزىسى پارتلاپ، گرېتسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جىددىي قۇتقۇزۇشقا دۇچ كەلگەن نازۇك پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.02.01
sharon-hom-305.jpg خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ پرېزىدېنتى شارون ھوم خانىم. 2010-يىلى 24-مارت. ۋاشىنگتون.
AFP

ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى نۇقتىلىق ئىقتىسادى ۋە سودا مەسىلىلىرىنى مەركەز قىلسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى مېركېلدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئانگېلا مېركېلنىڭ پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىدە خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى نۇقتىلىق سودا-ئىقتىسادى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىدىغانلىقى مەلۇم. بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى «ئۈنسىز دىپلوماتىيە» دىن ۋاز كېچىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە فالۇنگوڭچىلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش قىلمىشىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى شارون خۇم گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ، مېركېل «بارلىق رەسمىي ۋە بىرەسمىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن. لېكىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكمۇ ياكى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىش پايدىلىقمۇ، دېگەن مەسىلىدە پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت.

مېركېلنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە مەزكۇر مەسىلىنى ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىش ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى شەخسى دېلولارنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇش، قويماسلىقى مەلۇم ئەمەس. بىراق، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن، ئۇلار بىلەن يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىشنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇلار مېركېلنىڭ ئىلگىرى قىلغان خىتاي زىيارەتلىرىدە بۇ يول ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە بەزى شەخسى كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق مېركېلنىڭ ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ياكى شەخسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەڭ ئىچىدە سۆزلىشىش دىپلوماتىيىسى ئاقمايدىغان ئۇسۇلدۇر. د ئۇ ق ئانگېلا مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى قىلمىشىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقاندا ئۇنىڭ بېسىم پەيدا قىلىش كۈچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى خىتاي خرىستىئان تەشكىلاتلىرىدىن «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا يۈز خاتىرە قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان تەرەپلەرنىڭ بىرىدۇر.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ باياناتچىسى مارك شەن گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، يۈز خاتىرە قىلىش ئاساسىدىكى يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسىنىڭ «خىتاي سىياسىتىدە ئاقمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئۇ، «يۈز-ئابروينى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ئاسىيا مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن، بۇنداق ھۆكۈمەتلەرنى ئاشكارا خىجىل قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك رولى بولىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى نىكولاس بېكۇلىن بولسا، خىتايغا ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىش تەرەپدارى. ئۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا چوقۇم ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى، چۈنكى يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسىنىڭ ھېچقانداق چىقىش يولى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

د ئۇ ق گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش تەرەپدارىلا ئەمەس. ئۇلار ئۆز ئالدىغا يەنە، مېركېل خانىمنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنى سوئال-سوراقسىز ئېتىپ تاشلاش قىلمىشىغا چەك قويۇشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارغا قارشىلىق قىلغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى. لېكىن بۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ، بۇ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يېقىندا گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدا ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ، ئىككى بالا ۋە ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىكى بۇ خىل ئەندىشىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. لېكىن بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسى بىلەن ئاشكارا تەنقىد قىلىش بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋاسىتىلەر.

ئامېرىكا «دىئالوگ» فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى جون كەم ئەسكەرتىپ، «مەسىلىلەرنى جىمجىت، يەڭ ئىچى دىپلوماتىيىسى بىلەن ۋە ياكى ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا ئوچۇق -ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇش بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدىغان ئىككى خىل ۋاسىتىدۇر» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «بەزىدە بىر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش ئۈنۈم بەرسە، يەنە بەزىدە ھەر ئىككى ئۇسۇلنى قوللانغانلىق ياخشى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.