'خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇردى'

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇنياۋى ئىناۋەتكە ئىگە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ئەھۋالى ئۈستىدە دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-01-14
Share
saqchi-uyghur-qiz-tekshurush-305 ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ بىرىدە، خىتاي ساقچى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ سوراق قىلماقتا. (ئورنى ۋە ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
AFP Photo

كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2009 ‏ - يىلقى دوكلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر قىسمىدا خىتاينىڭ 2008 ‏ - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى، بۇ بىر يىلدا تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەھۋالغا بېرىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە ئائىت قىسمىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 ‏ - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرماي دۆلەت ئىچىدە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇپ، دۆلەت سىرتىدا ھەمشېرىك دۆلەتلەرنى قوللىغانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولسا يىغىلىش، پىكىر قىلىش ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان چەكلىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىشنىڭ خاتىرىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتىكى ئەڭ دىققەت قوزغايدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا دائىر بۆلۈمى بولۇپ، دوكلاتنىڭ مەزكۇر بۆلۈمىدە 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى يامانلاشقانلىقىنى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچىلىك" ھەرىكىتىنى " ئولىمپىك يىغىنىغا خەتەر يەتكۈزۈدىغان 3 چوڭ تەھدىتنىڭ بىرى،" دەپ جاكارلاپ، يىل بويى قانات يايدۇرۇلغان 3" خىل كۈچلەر"گە قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان بىخەتەرلىك ھەرىكىتىنىڭ رايوندا دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسى ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ قاتتىق چەكلىنىشىگە يول ئاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يەكلىنىش تۇيغۇسى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېگەن ":ئۇيغۇرلاردىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش تۇيغۇسى كۈچىيىپ باردى، لېكىن ھۆكۈمەت مەملىكەت ئىچىدە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى تالاش - تارتىش قىلىشنى چەكلەشنى داۋاملاشتۇردى".

دوكلاتتا 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي چەكلىمىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىپ، دىنىي زاتلار ۋە مەسچىتلەرنىڭ تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇددىئاسىدا خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ، ھەربىي ۋە ساقچىلارنىڭ كوچا - كويلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى سوفىيە رىچاردسون رادىئومىزغا بەرگەن دوكلات توغرىسىدىكى باياناتىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان دىنىي سىياسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يىلتىزىغا چېقىلغانلىقتۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 
رىچاردسون خانىم، "ئەڭ قورقۇتىدىغان تەرەققىياتلارنىڭ بىرى، دائىرىلەر 2008 ‏ - يىلى، 2 ‏ - ئايدا يولغا قويۇلغان يېڭى چەكلىمە. ئۇنىڭدا 23 تۈرلۈك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتنى چەكلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جامائەت بىرگە ئىبادەت قىلىش، توي تۆكۈن ئىشلىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى مەۋجۇت خەلقئارا قانۇنلار ۋە خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىدە دۆلەتنىڭ كىشىلەرنى قانداق ئىبادەت قىلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق. كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە، دەپ بەلگىلەنگەن. مەن بۇ تۈردىكى چات كېرىۋېلىشلار سىياسىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولۇپلا قالماي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ يىلتىزىغا چېقىلغانلىقتۇر، دەپ قارايمەن،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي 2008 ‏ - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى قالقان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي سورۇنلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىنى يولغا قويغان ئىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە توي قىلىش، توي خەت بېرىش، جامائەتنىڭ توپلىشىپ ئىبادەت قىلىشى، خۇتبە ئوقۇش شۇنداقلا كۈندىلىك دىنىي ئىبادەتنى قىسقارتىشنى مەزمۇن قىلغان 23 تۈرلۈك دىنىي پائالىيەتنى " قانۇنسىز"، دەپ بەلگىلىگەن. كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى كىشىنى گۇمانغا سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ 2008 ‏ - يىلى ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك "تېررورچىلار گۇرۇھى"نى تارمار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى، لېكىن خىتاي ئېلان قىلغان بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، بۇ كىشىلەردىكى خىتاي تېررورىزىمنى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ، دېگەن گۇماننى يوقىتالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى رىچاردسون خانىم، 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن جازالانغان كىشىلەرنىڭ جىددى كۆپەيگەنلىكىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، " بىز يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتىكى يەنە بىر تەرەققىيات خىتاي مەتبۇئاتىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قىسقا ماقالە بولۇپ، ئۇنىڭدا جازالانغان كىشىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى بېرىلگەن. ئەگەر بۇنىڭدىكى ئۇچۇرلارغا ئىشىنىشكە بولسا يالغۇز شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن جازالانغان كىشىلەرنىڭ سانى 2008 ‏ - يىلى بىر قاتلىنىپ، جىددى ئارتىش بارلىققا كەلدى دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بۇ توغرا بولسا بىز بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنى بۆلگۈنچىلىككە باغلاپ تۇرۇپ جازالىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ،" دەيدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ زۇۋانى بولغان " شىنجاڭ " گېزىتى يېقىنقى بىر خەۋىرىدە 2008 ‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆ بۆلگۈنچىلىك" ۋە " تېررورىزم" بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 يىلى 4 ‏ - ئاۋغۇست كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 16 ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىك ۋەقەسى، 10 ‏ - ئاۋغۇستتىكى كۇچار ۋەقەلىرىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى بۆلگۈنچىلەرنىڭ جىددى قوراللىق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىمىز، دەپ چۈشەندۈرگەن بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرغان،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دائىم كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالىغا دائىر بايانلىرىنى رەت قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلدى. چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى رادىئومىز مۇخبىرىغا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتىنى " ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاش"، كىشىلەرگە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى خاتىرىسىدە توغرىسىدا "خاتا مەلۇمات" سۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەلچىخانا باياناتچىسى ۋاڭ باۋدوڭ " بىز بۇنداق بىر دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارشى تۇرىمىز. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان جۇڭگو توغرىسىدىكى دوكلاتلاردا جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە دائىر پاكىتلار بۇرمىلانغان ئىدى. بىز كىشىلەردە خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ تۈردىكى دوكلاتلارغا قاراپ جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە باھا بېرىش توغرا ئەمەس،" دەيدۇ. ۋاڭ باۋدوڭ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ساھەسىدە رەت قىلغىنى بولمايدىغان تارىخىي ئىلگىرىلەش ياسىغانلىقىنى، كىشىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە " ئوبيېكتىپ"، "ھەققانىي ۋە "ھەر تەرەپلىمىلىك" ئامىللارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

لېكىن كىشىلىك ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا خىتايدا ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، بۇ بىر يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا قاراتقان كونترولى، يېتەكچىلىكىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ تالاش - تارتىشتىكى دېلولاردا قانۇننىڭ ئادىللىقىغا گۇمان تۇغدۇرۇپلا قالماي، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، يەر مۈلۈكنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش، ئەمگەك ھوقۇقى داۋالىرىغا ئېرەنسىزلىك بىلەن قاراش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىگەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت