كىتاب ئوقۇش، كومپيۇتېر كۆرۈشمۇ جىنايەت ھېسابلىنامدۇ؟

ئاقسۇۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بەش كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نېمېلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟
مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.02.15
yawa-kepter-Kitap-305.jpg ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺵ ﻧﯘﺭﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﺳﯩﻨﻨﯩﯔ "ﻳﺎﯞﺍ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
RFA Photo


بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىنى كومپىيۇتېرىغا چۈشۈرۈپ ساقلاش، ئۇنى باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بېرىش، بۇ ھېكايىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ، باشقىلارغا كۆچۈرۈپ بېرىش، ئۇساما بىنلادېننىڭ رەسىمىنى كۆرۈش، يازغۇچى ۋاڭ لىشيۇڭنىڭ «ئۇيغۇرلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش» ناملىق ماقالىسىنى كومپيۇتېردا ساقلاش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان» ناملىق شېئىرىنى ئوقۇش، توردىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈش، تۈركىيە رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ئەپەندىنىڭ ئۈرۈمچى زىيارىتىنىڭ فىلىمىنى توردىن كۆرۈش، ئېلىخان تۆرىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈش، تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل خانلىقىدا ئوينىغان رولى» قاتارلىق كىتابلىرىنى كومپىيۇتېرىدا ساقلاش، ئىسلام دىنىغا ئائىت ئېلكىتاپلارنى كومپيۇتېردا ساقلاش، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنى ئاڭلاش، توردىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە پروگراممىلىرىنى ئاڭلاش، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇش، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بەت ئادرېسىنى باشقىلارغا دەپ بېرىش، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تور بەت ئادرېسىنى تېلېفونىدا ساقلاش ۋە دىنىي كىتابلارنى ئوقۇش قاتارلىق ئاتالمىش جىنايەتلەر ئارتىلىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بەش كىشى ھەققىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.