كۈرەش كۈسەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى: شېھىتلەر ئۆلمەس!

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۈنەۋەر ئوغلانى، ئاتاغلىق ناخشىچى ۋە مۇزىكانتى مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى خەلقىنىڭ ئارزۇ ‏ - ئارمانلىرى بىلەن بىرگە بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقىنىغا 50 يىل تولدى. ‏ 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۇنىڭ 50 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، بىراق مەرھۇمنىڭ ھاياتى بۇ كۈننى كۆرۈشكە نىسىپ ئەتمەي ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.07.24
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Kuresh-kosen-rfada-305 ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى يۇرۇق دۇنيادىكى بۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا خەلقىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، دەردىگە دەرمان بولۇپ، كۈلكىسىگە جۆر بولۇپ ياشىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشىلىرىدا خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىشقا،خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىراتتى، دۇنيا خەلقىنى ئىزىلىۋاتقان بىر مىللەتنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىشقا دەۋت قىلاتتى. ئۇنىڭ ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن جەڭگىۋار روھ، ۋەتەنگە بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى ئىدى.

بۈگۈنكىدەك مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى قان تۈكۈپ شىېھىت بولغان مۇسىبەتلىك كۈنلەردە ئۇنىڭ "شېھىتلەر ئۆلمەس" دېگەن ناخشىسىدا ئىپادىلەنگەن مەدھىيە سۆزلىرى 5 - ئېيول كۈنى قۇربان بولغان مىڭلىغان ياشلار ئۈچۈن ئۇقۇلغان تەزىيە ۋە مەدھىيە بولغۇسىدۇر.

مەرھۇم كۈرەش كۆسەن ئەپەندى بىلەن سىياسى پائالىيەتلەردە ئۇزۇن يىل بىرگە بولغان ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ماھىنۇر خانىم مەرھۇمنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "گەرچە مەرھۇم ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ، لىكى خەلقى ئۈچۈن قىممەتلىك مەدەنى مىراسلارنى، جەڭگىۋار روھىنى ۋە قايتماس ئىرادىىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئارمىنىغا يېتەلمىگەن ئىستەكلىرى ئەۋلاتلىرىنىڭ قەلبىدە چېچەك ئاچقۇسىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت