ئەنقەرەدە "كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى
12-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە تۈركسوي ئىدارىسىنىڭ زالىدا "كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر" تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا تۈركسوي مۇئاۋىن باشلىقى فىرات فۇلتاش، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدا يېڭى قۇرۇلغان چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسى باشلىقى كېمال يۇرتناچ ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق مەسلىھەتچىسى سېيىت يۈسۈپ ئەپەندى، ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلىكى رەئىسى ۋېيسى گۈنگۆر ئەپەندى، تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇلاردىن باشقا تۈركىيىدىكى كۆچمەنلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتناشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010.12.24
باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى كېمال يۇرتناچ ئەپەندى، يېڭى قۇرۇلغان بۇ ئىدارە ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇ ئىدارىدە 4 باشقارما تەسىس قىلىنغانلىقىنى، بۇ باشقارمىلار ئىچىدە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر باشقارمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇ باشقارمىنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ پۈتۈن مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ دوكلاتلار تەييارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىدارىگە يېقىندا 170 خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنقەرەدە ئېچىلغان "كۆچ ۋە تۈركىي خەلقلەر" يىغىنى
RFA/Erkin Tarim
ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ ئىدارىنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان تۈركىي مىللەتتىن ئوقۇغۇچىلار ۋە پاناھلىق تىلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كېيىن باش مىنىستىرلىق باش مەسلىھەتچىسى سېييىت يۈسۈپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈركىيىنىڭ 1923-يىلى قۇرۇلغاندىن 2010-يىلىغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن جەمئىي 1 مىليون 756 مىڭ 380 كىشىنىڭ تۈرك پۇقراسى بولغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ، ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ، ئافغانىستانلىقلارنىڭ داۋاملىق ھالدا تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيىنىڭ بۇ كۆچمەنلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.