كۇچا مائارىپ تارماقلىرى ئاتىزمنى مەجبۇرلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا

كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلانغان ئىچكى ھۆججىتىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدىن باشلاپ، كۇچادىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق چەكلەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت بىر يىلغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-08-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ.
RFA Photo / Erkin Tarim

كۇچا مائارىپ تارماقلىرىغا قىلغان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن، گەرچە ھازىر يازلىق تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش شوئارى ئاستىدىكى، باستۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى دەلىللەندى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن كۇچا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ "قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش پىلانى" نامىدىكى بۇ ئىچكى ھۆججىتىدە "كۇچا جەمئىيەت ئامانلىقىدىكى ئالاھىدە نۇقتىلىق ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ مائارىپ سېپىمىزگە سىڭىپ كىرىپ بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىشنى زور كۈچ بىلەن توسۇش ئىنتايىن مۇھىم "دەپ كۆرسىتىلگەن.

تەرتىپكە سېلىش پىلانى بويىچە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، روزا تۇتىدىغان، ناماز ئوقۇيدىغان، قۇرئان ئۆگىنىدىغان، دىنىي تەلىم تەربىيىگە ئائىت كىتاب، مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان، ھەتتا دىنىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، ياغلىق ئاتىدىغان، ساقال، بۇرۇت قويۇدىغانلار ئاساسلىق زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش ئوبيېكتى قىلىنغان.

تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا، مەكتەپلەردە ئۆز ‏-ئارا نازارەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، ئۇچۇر ئىگىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان، ئوقۇتقۇچىلار بىر ‏- بىرىنى نازارەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلار بىر ‏- بىرىنى نازارەت قىلىش ھەمدە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىر ‏- بىرىنى نازارەت قىلىش، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە مەسئۇللارغا مەلۇم قىلىش، گۇمانلانغانلارنى تەكشۈرۈش، ئاختۇرۇش ۋە بايقىغان ھامان تۈزەش، تەربىيە بېرىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، مەسىلىسى ئېغىر ياكى جاھىللىق بىلەن ئۆزگەرمىگەنلەرگە قاتتىق چارە كۆرۈش قاتارلىق جىددىي تەدبىرلەرنى ئالغان.
 
كۇچا مائارىپ ئىدارىسى، مەزكۇر ئىچكى ھۆججىتىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەش ھەرىكىتىنى بۇ يىل 3 - ئايدا باشلىغان بولۇپ، 12 - ئايغا قەدەر ئالتە قەدەم ‏- باسقۇچقا بۆلۈپ داۋاملاشتۇرۇدىكەن.

بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن بىز ئاۋۋال كۇچا ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تېلېفون قىلدۇق، بىر خىتاي كادىر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ قوپاللىق بىلەن تۇرۇپكىنى تاشلىدى.

كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا تېلېفون ئۇلىدۇق، بىر ئۇيغۇر كادىر "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ سىياسىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئاتىزم تەربىيىسى بويىچە تەربىيىلەش، شۇڭا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ" دېدى.

كۇچا مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كۇچادا نۆۋەتتە ھەر تۈرلۈك مەكتەپلەردىن 153 ى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 20 ئوتتۇرا مەكتەپ، 128 باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى ۋە يەنە بىر ئوتتۇرا تېخنىكا مەكتىپى ھەمدە ئۈچ يەردە يەسلى بار ئىكەن.
 
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچادا مائارىپ ساھەسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاينىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىنىڭ كۇچادىكى بارلىق مائارىپ، مەكتەپ ئورۇنلىرىلا ئەمەس، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردە ئوخشاشلا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
ئۆتكەن ھەپتە ئاقسۇنىڭ بىر قانچە ناھىيە ھەم يېزىلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بېرى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىللىك ئارام ۋاقتىدىمۇ، ئۇلارنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم مەكتەپكە يىغىپ سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى مەجبۇرىي كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت