كۇچا ناھىيىسىدە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا

كۇچا ناھىيىسى چىمەن يېزىلىق ھۆكۈمىتى يېقىندا، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانلىق دەپ قارالغان، قانۇنسىز تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سىياسىي ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇقىملىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

كۇچا پارتىيە قۇرۇلۇشى تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسەنOpens in new window ]

، كۇچا ناھىيىسى چىمەن يېزىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 6 ‏- ئايدا پۈتۈن يېزا مىقياسىدا قانۇنسىز دىنىي گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، ئۇن - سىن ۋە ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى يىغىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بىز چىمەن يېزىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتچى ئىشخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق. تېلېفۇنىمىز ئۇلانغاندىن كېيىن نۆۋەتچى خادىم بىلەن قىسقا بىر سۆھبەتتە بولدۇق. نۆۋەتچى خادىم ئۆزىنىڭ خىزمەتكە يېڭى كىرگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ ھەرىكەتتىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت كۇچا ناھىيىسىدە بىر ئايدىن بۇيان جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش شوئارى ئاستىدا، ئاتالمىش "دىنىي رادىكالچىلار"غا زەربە بېرىش سىياسىي ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

بۇ ھەرىكەت جەريانىدا كۇچا رايونى بويىچە 534 باش ياغلىقى، 142 قۇر كىيىم، 104 تور رومال ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئائىت 600 دىن ئارتۇق كىتاب كۆيدۈرۈپ تاشلانغان.

بىز چىمەن يېزىلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا باشلىقى مىجىت قېيۇم بىلەن سۆزلەشتۇق، مىجىت قېيۇم بىزنىڭ بىر قانچە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دېھقانچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا چىمەن يېزىسىدا يەنىلا ھاشار ئەمگىكى يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت يەنە، كۇچا ناھىيىسى چىمەن يېزىسىدىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، مەزكۇر سىياسىي ھەرىكەتتە 64 كىشىنىڭ ئىقتىسادىي جازاغا تارتىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 22 نەپەر ئەرنىڭ ساقال - بۇرۇت قويغانلىقى سەۋەبلىك جەرىمانە تۆلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.