كۈرەش بىلەن ئۆتكەن ھايات (2)
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ ﻳﯜﺳﯜﭖ
2008.10.29
2008.10.29

RFA Photo
كۈرەش ئەپەندى بىلەن ھاياتنىڭ بارلىق ئىسسىق - سوغۇقلىرىدا بىللە ياشىغان، سەپداش بولغان، ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلىغان تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى، دوستلىرى، تونۇش - بىلىشلىرى ئېغىر قايغۇغا چۆمدى. تۇيۇقسىز كەلگەن شۇم خەۋەردىن گاڭگىراشتى، ئىسسىق كۈز ياشلار چاناقلاردىن ئېتىلدى. قەلىبلەرنى ئاچچىق، جۇدالىق تۇيغۇلار قاپلاپ ئالدى. چەكسىز ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇر ئوغلانىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن خەلق شۇنداق بىر نەرسىنى يەنى ئاز ياشىساڭمۇ خەلقىڭ ئۈچۈن تۆھپە قالدۇرۇپ كەت، ئۆچمەس نامىڭنى قالدۇرۇپ كەت دېگەن بىر ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندى.
گەرچە، ھازىر مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ئارىمىزدىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خەلقىمىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن جەڭگىۋار، ياڭراق، مەنىلەرگە لىق تولغان كۈي - نەغمىلىرى خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاسمىنىدا ياڭراپ، ئۇيغۇر خەلقىغە ئۈمىد،ئىشەنچ ۋە جاسارەت بەخش ئېتىپ كەلمەكتە.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ ئىككى يىللىقى توشقان بۈگۈنكىدەك قايغۇلۇق كۈندە بارلىق تۇيغۇلىرىمىزغا ئورتاقلىشىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ھەققىدىكى قايغۇسى ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلىدى. كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ يارقىن ئىجادىيەتلىرىدىن بىرى بولغان رابىيە قادىر ناملىق ناخشا توغرىسىدا رابىيە قادىر خانىم ئۆز تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم يەنە، مەرھۇمنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى ۋە ھاياتىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە قەلب ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.
مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ قىسقا، ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن قىممەتلىك ھاياتى ئۇيغۇر قەلبىدە ھەر دائىم چولپاندەك پارلاپ، ئۇنىڭ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مىڭلاپ كۈرەشجانلار ئىز بېسىپ كەلگۈسى!