لىۋىيە تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى

لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى 20-ئۆكتەبىر كۈنى كازافىي ئۆلدى، لىۋىيە تارىخىدا بىر يېڭى سەھىپە ئېچىلدى دەپ جاكارلىدى. ھازىر كازافىينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئەڭ كۆپ غۇلغۇلا قوزغالغان دۆلەت خىتاي.

0:00 / 0:00

لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى، كازافىي ئۆلدى دەپ جاكارلىدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 20-ئۆكتەبىر كۈنى مىسراتادا، قوزغىلاڭچىلار بىلەن كازافىي قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جىددىي ئېتىشىشتا، كازافىي يارىلىنىپ قاچقاندىن كېيىن، بىر تونېلدا تۇتۇۋېلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغۇچە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدا ئۆلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مىسراتادىن بايان قىلىشىچە، موئەممەر كازافىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، لىۋىيىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى دۇنياغا، لىۋىيىنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچكەن بىر يېڭى دەۋرى يېتىپ كەلدى دەپ جاكارلىغان. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى (ناتو)، لىۋىيىدە كازافىينىڭ 42 يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن ناتونىڭ لىۋىيىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى توختىتىلدى دەپ جاكارلىغان. شۇنداقلا لىۋىيىدىكى ھەر ساھە خەلقىنى، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ھازىر يەنىلا بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان لىۋىيىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى بىرلىكتە يارىتىشقا چاقىرغان.

كازافىينىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئەڭ كۆپ غۇلغۇلا قوزغالغان دۆلەت خىتاي. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ گەرچە بۈگۈنكى باياناتىدا، كازافىي تەلۋە ئۆلتۈرۈلدى، لىۋىيە ئەمدى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ئۆتتى دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى يوشۇرغان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى، كازافىي ئائىلىسىنىڭ تەقدىرى گۇمرانلىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، ئەمما بۇ، لىۋىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادىكى بىر گۈزەل «ئەترزارلىق» قا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

خىتايدىكى «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭلەن، ھازىر لىۋىيىدە كازافىي كۈچلىرى يەنىلا ناھايىتى قۇدرەتلىك، كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكى بىلەن لىۋىيىدىكى ئۇرۇش توختاپ قالمايدۇ، بەلكى كازافىينىڭ ئۆلۈمى بۇ ئۇرۇشنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن دېگەن.

خىتاينىڭ مەركىزى رادىئو ئىستانسىسى كازافىينىڭ ئۆلۈمىنى، بىر تارىخى ساۋاق دەپ چۈشەندۈرگەن. خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى چېنشۇاڭچىڭ، كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكى ناتو ئۈچۈن ۋە لىۋىيىدە ھازىر ھوقۇق تۇتۇۋاتقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەقەت بىر ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن باشقا بىر ئالاھىدە بەلگە ئەمەس، دېگەن. خىتاينىڭ «جىنخۇا گېزىتى» بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن لىۋىيىدە جەمئىيەت تەرتىپى بۇزۇلىدۇ، بىخەتەرلىك ئازلايدۇ، تېررورچىلىق كۆپىيىدۇ دېگەن.

ئامېرىكىدىكى جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پسىخولوگىيە مۇتەخەسسىسى جېررولد پوستنىڭ قارىشىچە، كازافىينىڭ 40 يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ئەھۋالى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان تەلۋە ۋە باسمىچى مىجەزلىك كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ، 1969-يىلى 27 ياش ۋاقتىدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايورى دەرىجىلىك ئۇنۋانغا تايىنىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن «ئەرەب لىۋىيە سوتسىيالىستىك خەلق دۆلىتى» قۇرۇپلا، ئۆز-ئۆزىنى ئەرەبلەرنىڭ پەخرى، دەپ جاكارلىغان. لىۋىيىنىڭ پۈتۈن تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى ئۆزىگە ۋە ئۆز جەمەتلىرىگىلا بايلىق توپلاش ئۈچۈن قوللانغان. كېيىن ئۇ بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تەييارلاپ، ئۆزى بىر ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ داھىيسى كىم؟ دەپ سوراپ، شۇ سوئالغا ئۆزى، مانا مەن دەپ جاۋاب بەرگەن كۆرۈنۈشنى دۇنياغا تارقاتقان.

كازافىي 1983-يىلى گېرمانىيىدە مېھمانخانا پارتلىتىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1988-يىلى شوتلاندىيىدە ئايروپىلان پارتلىتىپ 270 يولۇچىنى ئۆلتۈرگەن. بۇ يىل لىۋىيە خەلقى «ئەرەب باھارى» ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، مۇستەبىتلىككە قارشى نامايىش قىلغاندا، كازافىي 2-ئاينىڭ 22-كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي بۇنىڭدىن 22 يىل بۇرۇن تىيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلغانلارنى تانكا بىلەن يانجىمىغان، مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرمىگەن بولسا، دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلالمايتتى دەپ جاكارلاپ، نامايىش قىلغان خەلقنى باستۇرۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

بۈگۈن ب ب س نىڭ مۇنازىرە بېتىدىكى خىتايچە مۇنازىرىلەردە، كازافىينىڭ ئۆلۈمىگە خوش بولغانلار كۆپ. بېزىلەر، «كازافىي دېڭشاۋپىڭنىڭ ياخشى ئوقۇغۇچىسى ئىدى، ئۇمۇ ھازىر ماۋزىدوڭنىڭ يېنىغا كەتتى، ئەمدى نۆۋەت خىتاي كوممۇنىست مۇستەبىتلىرىنىڭ ئۆزىگە كەلدى» دەپ يازغان. يەنە بېزىلەر، «خىتاي دۇنيادا كىمنى قوللىسا شۇ يوقىلىۋاتىدۇ، بۇ ھازىر بىر قانۇنىيەت بولۇپ قالدى» دەپ يازغان.