لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى خەلقئارا سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى

لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لوندون پادىشاھلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى مىللەتلەر سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سەنئەت بايرىمىغا بۇ يىل ماكېدونىيە، بوسنىيە، كۇبا ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىققان.

0:00 / 0:00

لوندون سەنئەت ئىشلىرى شىركىتى، لوندون شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ۋە پادىشاھلىق باغچىسى ئورتاقلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

بىز بۇ پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇلئېزىز ئەيسا ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.